بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى دۈشەنبە كۈنى AFP غا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاشقى ياردەم مەبلىغىنى توڭلىتىشى سەۋەبىدىن ياردەم توختىتىلىپ بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرىنى قايتىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.
كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان بولغان روھىڭيا ئېتنىك گۇرۇپپىسى بىرمادا ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا، ھەر يىلى مىڭلىغان كىشى مالايشىيا ياكى ھىندونېزىيەگە كېتىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك دېڭىز سەپىرىگە ئاتلانماقتا.
خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ 28 - فېۋرال كۈنى يېزىلغان ۋە AFP تەرىپىدىن كۆرۈلگەن خېتىدە، سۇماترا رايونىنىڭ غەربىدىكى پېكانبارۇ شەھىرىدىكى تەخمىنەن مىڭ روھىڭيالىق مۇساپىرغا بېرىلىدىغان ياردەمنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئەمما خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى جېففىرى لابوۋىتز AFP غا بەرگەن باياناتىدا، روھىڭيا مۇساپىرلىرىغا بېرىلىۋاتقان مەبلەغنى توختىتىش قارارىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب بايان قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:
«ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پىروگراممىمىز قايتا باشلاندى.
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىدە ھازىرچە مەبلەغنى قىسىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى كېسىپ ئېيتالايمەن.»
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئېلخېتىدىكى بايانىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«ھىندونېزىيەدىكى روھىڭيا مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر، دەرۋەقە بۇ مۇساپىرلارغا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا داۋاملىق ياردەم بېرىمىز.»
ئامېرىكانىڭ روھىڭيا مۇساپىرلىرىغا بېرىلىۋاتقان مەبلەغنى توختىتىشى
خىزمەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە
2 مىڭدىن ئارتۇق روھىڭيا مۇساپىرلىرى ھىندونېزىيەدە قانۇنىي جەھەتتىن ئېنىقسىزلىق ئىچىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، كۈندىلىك ھاياتلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ داۋاملاشتۇرماقتا.
TRT Global - Rohingya mostly depend on foreign aid as they do not have access to employment in refugee camps.
خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى: «ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىتىشى خادىملىرىمىزغا، خىزمەتلىرىمىزگە ۋە بىز ياردەم بېرىۋاتقان كىشىلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.»
بىر مەنبەنىڭ AFP غا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاز سانلىق روھىڭيا مۇساپىرلىرىغا داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مەبلەغنى توختاتقان.
ئامېرىكانىڭ جاكارتادىكى ئەلچىخانىسى بولسا بۇنىڭغا دەرھال ئىزاھات بېرىش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىغان.
ھىندونېزىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار كېلىشىمىگە ئىمزا قويمىغان بولۇپ، بىرمادىن مۇساپىر قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە، بۇنىڭ ئورنىغا قوشنا دۆلەتلەرنى مەسئۇلىيەنى بىرلىكتە زىممىلىرىگە يۈكلەشكە ۋە دېڭىز ساھىللىرىغا يېتىپ كەلگەن روھىڭيا مۇساپىرلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا چاقىرماقتا.
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋاشىنگتوننىڭ ئامېرىكا تەرەققىيات ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى 5200 پىروگراممىنى بىكار قىلغانلىقىنى، ئەمما تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باشقۇرىدىغان 1000 پىروگراممىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم گۇرۇپپىلىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ چەت ئەللەردە مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

TRT Global - Without urgent new funding, monthly rations must be halved to $6 per person, down from $12.50 per person.