رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىراندىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قارىتا موسكۋانىڭ مەيدانىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
پۇتىن شەنبە كۈنى «‹Sky News Arabia› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ئىراننىڭ تىنچلىق مەقسىتىدە يادرو ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تېھراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات تاپالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئىراندا يادرو قوراللىرىنى مەنئى قىلىدىغان پەتىۋا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. دەرۋەقە، بۇ دىنىي ھۆكۈم ئىراننىڭ مەيدانىدا ئاچقۇچلۇق ئامىلدۇر.»
پۇقراۋى يادرو پىروگراممىسى
پۇتىن يەنە، رۇسىيەنىڭ ئىراننىڭ پۇقراۋى يادرو پىروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
13-ئىيۇن كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراندىكى ھەربىي ۋە يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن نۇقتىلارغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشى بىلەن باشلانغان توقۇنۇشلار، تېھراننىڭ ئىنتىقام ئېلىش ھۇجۇملىرى بىلەن داۋاملاشماقتا.
ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈندىن بۇيان ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 25 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يۈزلەرچە كىشى يارىلانغان.
ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە 639 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1300 دىن كۆپ كىشى يارىلانغان.