سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
گېرمانىيە سۈرىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى قايتا ئاچتى
گېرمانىيە سۈرىيەدىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى قايتا باشلاپ، مۇقىملىق ۋە سىياسىي باسقۇچقا ئۆتۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. گېرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، كونسۇلخانا خىزمەتلىرىنى يەنىلا بېيرۇتتا داۋاملاشتۇرىدىكەن.
گېرمانىيە سۈرىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى قايتا ئاچتى
گېرمانىيە دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنى قايتا ئاچتى / Reuters
20. März 2025

گېرمانىيە سۈرىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى رەسمىي ھالدا قايتا ئاچتى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەمەشىقتە كىچىك بىر دىپلوماتىك گۇرۇپپا خىزمەت باشلىغان.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بائېربوك پەيشەنبە كۈنى— ئەسەد تۈزۈمى ئاغدۇرۇلۇپ تەخمىنەن ئۈچ ئايدىن كېيىن — يوليورۇق چۈشۈرۈپم سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن 2012-يىلى تاقىۋېتىلگەن ئەلچىخانىسىنى قايتا ئېچىشنى بۇيرۇغان.

مەنبەنىڭ قوشۇمچە قىلىشىچە، كونسۇلخانا ئىشلىرى ۋە ۋىزا مەسىلىلىرى سۈرىيەدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا بېجىرىلىدىكەن.

مەنبە: «دىكتاتور ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيە سۈرىيە خەلقىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم كەلگۈسى بەرپا قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى» دېدى.

دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىش

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەسى  يەنە، «گېرمانىيە مۇقىم سۈرىيە بەرپا قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز يەرلىك ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىگە تېخىمۇ ياخشى تۆھپە قوشالايمىز.» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «سۈرىيە زېمىنىدا مەۋجۇت بولۇش ئارقىلىق بىز مۇھىم دىپلوماتىك ئالاقىلەرنى قۇرالايمىز ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك سىياسىي باسقۇچقا ئۆتۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، «دىپلوماتلىرىمىز نەق مەيداندا بولغاچقا، ئەمدى بىز پۇقرالار جەمئىيىتى بىلەن مۇھىم ھەمكارلىقلارنى قايتا يولغا قويالايمىز. بۇنىڭدىن سىرت، ئېغىر سەلبىي ئۆزگىرىشلەرگە بىۋاسىتە ۋە دەرھال ئىنكاس قايتۇرالايمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us