ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ پارس قولتۇقى زىيارىتى باشلاندى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۈرلۈك كېلىشىملەرنى تۈزۈش نىشان قىلىنغان پارس قولتۇقى زىيارىتى باشلاندى.
ترامپنىڭ پارس قولتۇقى زىيارىتى باشلاندى
/ Reuters
13. Mai 2025

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ پارس قولتۇقى زىيارىتى باشلاندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پارس قولتۇقى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ باردى. ئوتتۇرا شەرقتىكى كىرىزىس رايونلىرىغا دائىر كېلىشىملەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى قىيىن بولسىمۇ، ترامپنىڭ سودا كېلىشىملىرىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تېسلا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى ئېلون ماسك قاتارلىق نۇپۇزلۇق ئامېرىكا سودىگەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە سەپەرگە چىققان ترامپنىڭ زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى رىياد بولدى. ئۇ بۇ يەردە سەئۇدى ئەرەبىستان-ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. چارشەنبە كۈنى قاتارغا، پەيشەنبە كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە زىيارەتكە بارىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان سېلىنما ئىشلىرى ۋەزىرى خالىد ئەلفالىھ سەئۇدى ئەرەبىستان-ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:

«ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ  ئۇل تاشلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پادىشاھلىقىمىزدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە سودا پۇرسەتلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيمەكتە.»

ئەلفالىھ ترامپ كېلىشتىن بۇرۇن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار بىلەن ئامېرىكالىقلار ھەمكارلىق ئورناتسا، نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؛ كۆپ ھاللاردا بۇ ھەمكارلىقلار ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»

سەئۇدى ئەرەبىستان-ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى يىغىنى بۈركۈتلەر بىلەن لاچىنلار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇناسىۋەتلەرنى تەبرىكلەۋاتقان ۋىدېيو كۆرۈنۈشلىرىنىڭ كۆرسىتىلىشى بىلەن باشلاندى.

چوڭ يىغىن زالىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن BlackRock شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لاررى فىنك، Blackstone گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېفېن ئا. شىۋارزىمان، مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت، سەئۇدى ئەرەبىستان مالىيە ۋەزىرى مۇھەممەد ئەلجەدئان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان سېلىنما ئىشلىرى ۋەزىرى خالىد ئەلفالىھ قاتارلىقلار ئورۇن ئالدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان كۈچلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ئامېرىكانى نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تەشكىل قىلىدۇ.

 ترامپنىڭ تۈركىيەگە قىلغۇسى زىيارىتى ۋە ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلگۈسى يادرو سۆھبىتى

 ترامپ پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەگە يېتىپ كېلىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى پاپا فرەنسىسنىڭ تەزىيە مۇراسىمى ئۈچۈن رىمغا قىلغان ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق بۇ چەت ئەل زىيارىتى گېئوسىياسىي جىددىيچىلىك بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ترامپ ھاكىمىيىتى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا ھەل قىلىش چارىسى تېپىش، غەززەدىكى ۋەيران بولۇپ كەتكەن رايونلار ئۈچۈن يېڭى ياردەم مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىنى يېڭى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاشنى نىشان قىلماقتا.

ھەپتە ئاخىرىدا ئامېرىكا ۋە ئىران مۇزاكىرەچىلىرى تېھراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە ئوماندا بىر يەرگە جەم بولدى.

ترامپ كىرىزىس دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنمىغان تەقدىردە، ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش بىلەن تەھدىت سالغانىدى.

لېكىن ترامپنىڭ تۈركىيەگە قىلغۇسى زىيارىتىنىڭ سىرتىدا، بۇ مەسىلىلەر ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدە نىشان قىلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەردىن بىرى ئەمەستۇر.

 سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش مەسىلىسى

 ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تىرىليونلارچە دوللارغا يېتىدىغان مەبلەغ سېلىش باياناتى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستان يانۋار ئېيىدا ئالدىمىزدىكى تۆت يىل ئىچىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 600 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىشنى ۋەدە قىلغان ئىدى، لېكىن ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن بۇنى بىر تىرىليون دوللارغا يەتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئېلون ماسكتىن باشقا، BlackRock  گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لاررى فىنك ۋە Citigroup گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جانې فراسېر قاتارلىق سودا دۇنياسىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ترامپقا ھەمراھ بولىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ماركو رۇبىيو بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتې ھېگسېتمۇ پىرېزىدېنت ترامپقا ھەمراھ بولىدۇ.

ئالاقىدار مەنبەلەرنىڭ  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، ترامپنىڭ رياد زىيارىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا 100 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قورال - ياراغ سېتىپ بېرىش تەكلىپى سۇنۇلۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن. بۇ تەكلىپنىڭ C-130 تىپلىق يۈك ئايروپىلانلىرى قاتارلىق بىرقاتار ئىلغار قورال - ياراغلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رياد بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتىن چىقىرىۋېتىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن. بۇ، ترامپنىڭ رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك گېئوسىياسىي نىشانلىرىدىن بىرى ئىكەن.

ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەلچىسى ستېۋ ۋىتكوف ئالدىنقى ھەپتە ئىبراھىم كېلىشىملىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەسىلىسىدە يېقىندا ئىلگىرىلەش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ كېلىشىملەر نەتىجىسىدە ترامپ ئالدىنقى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، سۇدان ۋە ماراكەش قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلغانىدى.

 رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن مەنبەلەرنىڭ قارىشىچە، نېتانياھۇنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك توختىتىشى ياكى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىشى، رياد بىلەن بۇنداق مۇزاكىرىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا ئىكەن.

ترامپنىڭ قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بېكەتلىرىدىمۇ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كۈتۈلمەكتە.

قاتار خان جەمەتىنىڭ ترامپقا  ساياھەتلىرىدە ئىشلىتىشى ئۈچۈن  ھەشەمەتلىك «Boeing 747-8» تىپلىق ئايروپىلان سوۋغا قىلىشى كۈتۈلمەكتە. بۇ ئەخلاق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ترامپنىڭ بۇ ئايروپىلاننى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن پىرېزىدېنتلىق كۈتۈپخانىسىغا سوۋغا قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us