تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ 2025-يىلى 20-ئىيۇن تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
زىيارەت جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پاشىنياننى ئىستانبۇلدا قوبۇل قىلىشى كۈتۈلمەكتە. ئالتۇن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان 2025-يىلى 20-ئىيۇن دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆرمەتلىك پاشىنيان ئەپەندىنى ئىستانبۇلدا قوبۇل قىلىدۇ.»
بۇ، ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ تۈركىيەگە بۇ دەرىجىدە قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، ئۇنىڭغا <مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى> دەپ قارالماقتا.
ئەرمېنىيە پارلامېنت باشلىقى ئالېن سىمونىيان ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «رايوندىكى بارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېدى.
سىمونىيان يەنە ئەزەربەيجان بىلەن بولغان جىددىيچىلىككە دائىر ئەندىشىلەر ھەققىدە توختىلىپ: «ھازىر ئەزەربەيجان بىلەن ئۇرۇش خەۋپى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە، بىز بۇ خەتەرنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. پاشىنياننىڭ تۈركىيە زىيارىتى بۇ يۆنىلىشتە ئېلىنغان بىر قەدەم» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
بۇ زىيارەت ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رايون توقۇنۇشلىرىنى ھەل قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى نامايان قىلىدۇ. كۆزەتكۈچىلەر بۇ زىيارەتكە <جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش يولىدا بېرىلگەن ئۈمىدلىك بىر سىگنال> دەپ باھا بەرمەكتە.
پاشىنياننىڭ زىيارىتىدىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى پەيشەنبە كۈنى، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيەگە كېلىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە-ئەزەربەيجان ئىتتىپاقىنى «پەقەت رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، بەلكى يەر شارى مىقياسىدىمۇ مۇھىم بىر ئامىل» دەپ ئاتىدى.
ئەردوغان «ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش» نى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
پاشىنيان ئىلگىرى پەقەت 2023-يىلى ئەردوغاننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈنلا تۈركىيەنى زىيارەت قىلغانىدى. ئۇ شۇ چاغدا قايتا سايلانغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىنى تەبرىكلىگەن تۇنجى چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان.
ئەنقەرە بىلەن ئەرىۋان 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئەرمېنىيە قاراباغدىكى ئۇرۇشتا ئەزەربەيجانغا يېڭىلىپ قېلىپ بىر يىل كېيىن، مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلىگەن. 2022-يىلى تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئىككى يىللىق ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن كېيىن، سودا ئايروپىلانى قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنىدى.