ئامېرىكانىڭ «Axios» خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا قارىتا «ترامپ ھۆكۈمىتى ئىچىدە كۈچلۈك گۇمان» پەيدا قىلغان. خەۋەردە، نېتانياھۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسەتلىرىنىڭ «ھەددىدىن زىيادە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراشنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئاق ساراي ئەمەلدارلىرى، يەكشەنبە كۈنى «Axios» قا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى، باش ئىشتاب مەركىزى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان يېقىنقى بومباردىمانلىرىنىڭ، نېتانياھۇنىڭ ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەتلىرىگە بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بۇ ھەقتە: «ھەر كۈنى يېڭى بىر ئىش يۈز بېرىۋاتقاندەك بىر ھېسسىيات بار» دېگەن.
بەزى ئاق ساراي ئەمەلدارلىرى نېتانياھۇنىڭ كۈچىيىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى تەنقىدلەپ، بىر ئەمەلدارنىڭ «تەلۋىلەرچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. توختىماي ھەممە يەرنى بومباردىمان قىلىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان.
خەۋەردە بىر ئەمەلدار، نېتانياھۇنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىكى تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى بۇزىۋېتىشى ۋە ئۇنىڭ ياخشى نىيىتىنى خورىتىپ تۈگىتىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.
يەنە بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى: «سۈرىيەدىكى بومباردىمان پىرېزىدېنت ۋە ئاق ساراينى تەييارلىقسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. پىرېزىدېنت ئۆزى بىۋاسىتە تىنچلىق ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتقان بىر دۆلەتكە بومبىلارنىڭ تاشلانغانلىقىنى تېلېۋىزوردا كۆرۈشنى ياقتۇرمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.
يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسا، ئۆتكەن ھەپتە غەززەدىكى بىر چېركاۋنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىدىن كېيىن، ترامپنىڭ نېتانياھۇغا تېلېفون قىلىپ، چۈشەنچە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمەلدارلار، ترامپنىڭ خىزمەت ئەترىتىدە نېتانياھۇغا قارىتا گۇمانلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ «بەزىدە بەڭۋاش بالىدەك» ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەمەلدارلار، ۋاشىنگتوننىڭ نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ رايونلۇق سىياسەتلىرىگە قارىتا ھوشيار ھالەتتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ترامپ ھازىرغا قەدەر نېتانياھۇنى ئامما ئالدىدا تەنقىدلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، ئۆزگىرىشلەردىن مەسلىھەتچىلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بىئارام بولغان-بولمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
ئىسرائىلىيەلىك ياكى ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرمىدى.
سۈرىيە توقۇنۇشلىرى
13-ئىيۇل سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۈۋەيدا رايونىدا بەدەۋىي ئەرەب قەبىلىلىرى بىلەن قوراللىق دۇرزى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش باشلاندى.
ئىسرائىلىيە توقۇنۇشلارنىڭ شىددىتى كۈچەيگەن ئەسنادا، دەمەشىقتىكى سۈرىيە ھەربىي ئورۇنلىرىغا ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىلىيە، ھۇجۇملىرىنى دۇرزى جامائىتىنى قوغداش باھانىسى بىلەن ئاقلىدى.
بىراق، سۈرىيەدىكى كۆپ قىسىم دۇرزى رەھبەرلىرى، ئامما ئالدىدا ھەر قانداق چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن سۈرىيە دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى قايتا تەكىتلىدى.
ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى توم باراك، بارلىق تەرەپلەرنىڭ يەكشەنبە كۈنى دەمەشىق ۋاقتى 17:00 دە زوراۋانلىقنى توختىتىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.