قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگرا كېلىشىمى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
تۈرك دۇنياسى
9 مىنۇت ئوقۇش
قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگرا كېلىشىمى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟قىرغىزىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى جۇمارت ئوتوربايېۋ ت ر ت ۋورلد (TRT World) نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چېگرا كېلىشىملىرى ۋە بۇلارنىڭ رايونغا بولغان پايدىلىرى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
تاجىكىستان پىرېزىدېنتى بىشكەكنى زىيارەت قىلدى / Reuters
March 14, 2025

تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ بىلەن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى كۈتۈلگەن چېگرا كېلىشىمىنى تاماملاش ئۈچۈن، قىرغىزىستاندا ئىككى كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىدە بولدى.

2021-2022-يىللىرىدا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئۈچۈن ئېيتقاندا مول سۇ ۋە يېزا ئىگىلىك مەنبەلىرىگە ئىگە بولغان مۇنبەت پەرغانە ۋادىسىدا ئېغىر چېگرا توقۇنۇشلىرى يۈز بەردى. ئەمما، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىككى دۆلەت چېگرالىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تىرىشتى.

كېلىشىم، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چېگرا توقۇنۇشىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ بۇ جەريان ئون يىللارچە داۋاملاشتى.

قىرغىزىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى جۇمارت ئوتوربايېۋ: «ھېچكىم ۋاسىتىچىلىك قىلمىدى. دۆلەتلەر، ئىختىلاپلىرىمىزنى ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز، دېدى. مەيلى ئامېرىكا قوشما ئىشىتاتلىرى، مەيلى رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ياكى قازاقىستان بولسۇن، ھېچكىمگە ئېھتىياجىمىز يوق. مەسىلىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز، دېدى» دەيدۇ.

ئۇ يەنە، كېلىشىمنىڭ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تىنچلىقنى ئورنىتىپ، چېگرا رايونلىرىدا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئېشىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى قوشۇپ قويدى.

تۆۋەندە ت ر ت ۋورلد مۇخبىرىنىڭ ئوتوربايېۋ بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

 

ت ر ت ۋورلد مۇخبىرى: چېگرا ماجرالىرىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنى ۋە كېلىشىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟

 

جۇمارت ئوتوربايېۋ: چېگرا ماجرالىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى، نوپۇسى زىچ بولغان جايلارنىڭ بىرى بولغان پەرغانە ۋادىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمەلىيەتتە يەر كۆلىمى كىچىك بولغان پەرغانە ۋادىسى، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇس زىچلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 كىۋادرات كىلومېتىر جايغا 19 كىشى توغرا كېلىدۇ. پەرغانە ۋادىسىدا بۇ سان 800 كىشىگە يېتىدۇ. كېيىنكى 20 يىلدا پەرغانە ۋادىسىنىڭ نوپۇسى، ئوتتۇرا ئاسىيا نوپۇسىدىكى دېموگرافىك ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن 40% كۆپەيدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادا يېتەرلىك مۇنبەت يەر يوق. ئېتىزلىرىمىزنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك سۇمۇ يوق. شۇ سەۋەبتىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ كىچىك ۋادا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئۈچۈن ھەقىقەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

سوۋېت دەۋرىدىن بۇرۇنقى مەزگىللەردە، تاجىكلار، ئۆزبېكلەر ۋە قىرغىزلار چېگراسىز بىرگە ياشايتتى. بەزىدە توقۇنۇشلىرىمىزمۇ بولاتتى، ئەمما ھەرخىل مىللەتلەر ئارىسىدا چوڭ ماجرالار يوق ئىدى. لېكىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنلىرىنى بۆلۈشكە باشلىغاندا، پەرغانە ۋادىسى ئەڭ مۇرەككەپ رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. چۈنكى ئوخشاش رايوندا ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار ۋە تاجىكلار بىللە ياشايدۇ. چېگرا سىزىقى قانداق سىزىلىدۇ؟ بەك مۇرەككەپ ئىدى ۋە راستىنى ئېيتقاندا، سوۋېتلەر چېگرالارنى بەلگىلەش ۋە بەلگە قويۇش ئىشىنى تاماملىمىدى. ئۇ چاغلاردا، بۇ مەسىلىگە ھەقىقەتەن ھېچكىم دىققەت قىلمىدى. چۈنكى بىز ئوخشاش دۆلەتتە ياشايتتۇق. ئەمما، 1991-يىلى بارلىق جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولدى ۋە بىخەتەرلىكتىن چېگرا گۈزىتىگىچە، سۇ ۋە يەر-زېمىن ئىشلىتىشكىچە مەسىلىلەر چوڭىيىشقا باشلىدى.

بىز بىر شاھمات تاختىسىدا ياشاۋاتىمىز، قارا، ئاق، ئاق، قارا ۋە قارا قاتارلىق. تاجىكلار، قىرغىزلار ۋە ئۆزبېكلەر ئوخشاش يېزىلاردا ياشايمىز. بەك مۇرەككەپ ئەھۋال بار ئىدى. 33 يىلدىن بېرى مەسىلىلىرىمىز بار ئىدى، ئەمما 2016-يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەنلەر، ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېۋ سايىسىدە ئىجابىي يۆنىلىشتە ئۆزگىرىشكە باشلىدى. قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى چېگرالارنى بەلگىلەش ئۈچۈن ھەقىقىي سىياسىي ئىرادە نامايان بولدى. بۇ جەريان چوڭ ئۈزۈلۈشلەر بولماستىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئەھۋال قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئارىسىدا بۇنداق بولمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئىككى قېرىنداش مىللەت ئارىسىدا قىسمەن ھالدا تاجىكىستان تەرەپتىكى ئاھالە زىچلىقى قىرغىزىستان تەرەپتىكىدىن كۆپ يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بولدى. تاجىكىستاندىكى دېموگرافىك ئەھۋال راستىنلا تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى ۋە ئاندىن توقۇنۇشلار يۈز بەردى. يىللار بويى 33 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان قىرغىزلار ۋە تاجىكلار، ھەممىنى قانائەتلەندۈرىدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا تىرىشتى. بۇ ئاسان بولمىدى، چۈنكى خەرىتە يوق ئىدى.

 

ت ر ت ۋورلد مۇخبىرى: نېمە ئۈچۈن خەرىتە يوق ئىدى؟ سوۋېتلەر بۇ خەرىتىلەرنى جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى چېگرالارنى سىزىش ئۈچۈن ھاسىل قىلمىدىمۇ؟

 

ئوتوربايېۋ: ياق، چۈنكى پەرغانە ۋادىسىدا قىرغىزلار، تاجىكلار ۋە ئۆزبېكلەر ئوخشاش يېزىلاردا ياشايدۇ. مەسىلەن، قىرغىزىستاندىكى ۋورۇچ قاتارلىق چېگرا رايونلىرىدا تېخىمۇ كۆپ تاجىك ياشايدۇ. سوۋېتلەر بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلمىدى، چۈنكى بىز ئوخشاش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان ئوخشاش دۆلەتتە ئىدۇق. ئەمما، 1991-يىلى بارلىق جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندا، بۇ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى. بىر مىللەت ياخشىراق يەر-زېمىن ۋە ياخشىراق سۇ مەنبەسىگە ئېرىشىشنى خالايمىز دېگەن ۋاقىتتا، يەنە بىرىمۇ ئوخشاشلا ياخشىراق سۇ مەنبەسىگە ئېرىشىشنى خالايمىز، دېدى ۋە 30 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان چەكسىز بىر مۇنازىرىنى قوزغىدى. خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، تەخمىنەن تۆت يىل ئىلگىرى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ھۆكۈمەتلىرى ئۆزئارا قوبۇل قىلىنغان بىر فورماتتا بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي ئىرادىلىرىنى نامايان قىلدى. تاجىكىستان پىرېزىدېنتى راخمانوۋ چېگرا كېلىشىمىگە قول قويۇش ئۈچۈن قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە تارىخىي دۆلەت زىيارىتىدە بولدى. ئاخىرقى كېلىشىم چېگرانىڭ بەلگىلىنىشى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىدۇ؛ كېلىشىمگە، كىملەرنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقى ۋە قاچان قىلىدىغانلىقى، يەر-زېمىن ئالماشتۇرۇش ۋە كىشىلەرنى كۆچۈرۈش تەدبىرلىرى قوشۇلغان. مەسىلەن، قىرغىز ئائىلىلەر ياشايدىغان دوستۇق يېزىسى تاجىكىستانغا بېرىلىدۇ. تاجىكىستانمۇ قىرغىزىستانغا ئوخشاش بىر يەر پارچىسى بېرىدۇ. قىرغىزىستان ئۇ ئائىلىلەرنى كۆچۈرۈشى، ئۇلارغا ئوخشاش يەر-زېمىن بېرىشى ۋە ئۆيلەر سېلىشى كېرەك. تاجىكىستان تەرەپمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇ بەك قىيىن جەريان بولىدۇ، ئەمما مۇھىمى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى قىلىشىمىز كېرەك، دېيىشىدۇر.

 

ت ر ت ۋورلد مۇخبىرى: ئىككى مىللەت ئارىسىدا كىم ۋاسىتىچىلىك قىلدى؟

 

ئوتوربايېۋ: ھېچكىم ۋاسىتىچىلىك قىلمىدى. دۆلەتلەر ئىختىلاپلىرىمىزنى ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز، دېدى. مەيلى ئامېرىكا قوشما ئىشىتاتلىرى، مەيلى رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ياكى قازاقىستان بولسۇن، ھېچكىمگە ئېھتىياجىمىز يوق. مەسىلىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز. ئەمما ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ھەقىقەتەن ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىدا ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى. نورۇزدا پەرغانە ۋادىسىدا ئۈچ پىرېزىدېنت ئارىسىدا بىر يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىن بولىدۇ. بۇ پەرغانە ۋادىسىنىڭ قېرىنداشلىق بىرلىكىدە تاشلانغان يەنە بىر قەدەم بولىدۇ. ئاۋال بۆلۈنمەسلىكىمىز كېرەك، ئاندىن سودا، ئادەم ئالماشتۇرۇش ۋە ئورتاق مانېۋىر قاتارلىق ھەممە ئىش ئۈچۈن چېگرالىرىمىزنى ئاچالايمىز. بۇ ئىختىلاپنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئاخىرقى مەسىلىسى يوق بولغان بولىدۇ. بۇ بىر خىل دوستلۇق بولىدۇ.

ت ر ت ۋورلد مۇخبىرى: كېلىشىمدىن كېيىن، بۇ ئۈچ دۆلەت پەرغانە ۋادىسىدا ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى ياخشىراق باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي رايون قۇرامدۇ؟

 

ئوتوربايېۋ: بۇ چوقۇم. 2016-يىلدىن كېيىن، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ناھايىتى ئېنىق ھالدا بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا رايون ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ سەۋەبتىن، بارلىق قوشنىلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇنىڭدا يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ قوشنىسى بولغان تۈركمەنىستانمۇ بار.

چېگرا مەسىلىلىرىمىزنى ئۆزبېكىستان بىلەن ھەل قىلغاندىن كېيىن، چېگرا بويىدا چوڭ سودا ۋە ھەمكارلىقلار باشلاندى. ھەر يىلى قىرغىزىستانغا كېلىدىغان بىر قانچە مىليون ئۆزبېك بار، قىرغىزلارمۇ ئەركىن ھالدا ئۆزبېكىستانغا بارىدۇ، بۇ بۇرۇن قىيىن ئىدى. ھازىر ئۇلار ئەركىن بازار تەبىئىتىدە ئىش قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى كىشىلەر ئەركىن ئالماشتۇرۇلىدۇ، ياشلار بىر-بىرى بىلەن تويلىشىدۇ، سودا قىلىدۇ، ئائىلە قۇرىدۇ، ئورتاق تۈرلەر ۋە مەبلەغلەر بەرپا قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، يۈز يىللاردىن بېرى بىرگە ياشاپ كەلگەنلىكىمىزدۇر.

 

ت ر ت ۋورلد مۇخبىرى: تاجىكىستان بىلەنمۇ ئوخشاش ئىشنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسىز، شۇنداقمۇ؟

 

ئوتوربايېۋ: ئەلۋەتتە، شۇنداق. نۇرغۇن ئورتاق نۇقتىلىرىمىز بار. يەنە رىقابىتىمىزمۇ بار، ئەمما رىقابەت ھەر دائىم ياخشى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيانىڭ بىرلەشكەن بىر رايونى بولۇپ قالدى. بىز بەش بىرمىز. 5 + 1 فورماتىدا نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنلار بولغانلىقىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن (ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە تاجىكىستان + ئەزەربەيجان). ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاي، رۇسىيە، تۈركىيە، ياپونىيە ۋە كورېيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر، بۇ فورماتتا بىز بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى بىز بىرلەشكەن بىر سەپ نامايان قىلدۇق. نوپوسىمىز ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس، شۇڭا پەقەت 80 مىليون نوپۇس، تۈركىيەگە ئوخشاش بىر نوپۇس، ئەمما بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن چوڭ كۈچلەر بىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدۇ.

 

ت ر ت ۋورلد مۇخبىرى: مەسىلىلىرىڭلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قايسى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىسلەر؟

 

ئوتوربايېۋ: ئۇنىۋېرسال مودېل يوق. ھەممە نەرسە پۈتۈنلەي ئۆزگىچە. بۇ مودېل ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىنى باشقىلارنىڭ بەدىلىگە ھەل قىلىشنى خالىمايدىغان رەھبەرلەرنىڭ سىياسىي ئىرادىسى. بىز چوقۇم چېگرانى ئوڭشىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بېلگىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ چېگراسى قەيەردە؟ ھېچكىم بىلمەيدۇ. بىزمۇ ئوخشاش يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك.

 

ت ر ت ۋورلد مۇخبىرى: ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا ۋىزا بەلگىلىمىلىرى بارمۇ؟

 

ئوتوربايېۋ: تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا ۋىزا بەلگىلىمىسى يوق، ۋىزاسىز. بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئىچىدە ۋىزا يوق، تۈركىيە بىلەنمۇ ۋىزا يوق.

 

ت ر ت ۋورلد مۇخبىرى: بۇ كېلىشىمدىن كېيىن، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان چېگرا بويىدا بىر قىسىم چېگرا پونكىتى قۇرامدۇ؟

 

ئوتوربايېۋ: بىرىنچى، چوقۇم ھەر بىر مېتىرى ئېنىق بولغان چېگرا بەلگىلەش كېرەك. ئەمما كېيىنچە يەنە، چېگرا بەلگىسى  ۋە چېگرا بويىغا بەلگە ئورنىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەلكىم بەزى رىشاتكىلار كىشىلەرنىڭ پاسپورتنى چېگرا قوغدىغۇچىلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن قويۇلۇشى مۇمكىن.

بۇنى چوقۇم قىلىش كېرەك، بولمىسا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ باج ۋە تاموژنا تۈزۈملىرىمىز ئوخشىمايدۇ. بەزى مەھسۇلاتلار، نېفىت ياكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئوخشىمايدۇ. بىز ئەتكەسچىلىكنى چېگرالىرىمىزدا مودا پائالىيەتكە ئايلاندۇرۇشنى خالىمايمىز.

 

ت ر ت ۋورلد مۇخبىرى: سىز ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا سۆزلىدىڭىز. ھازىر ئەھۋال قانداق ؟

 

ئوتوربايېۋ: قېرىنداشلىق تۇيغۇسى بىزنىڭ د ن ئا (DNA) مىزدا بار. پىرېزىدېنتىمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ دېگىنى ئورتاق پايدا ئېلىش. بىز چوقۇم قوشنىلىرىمىز بىلەن دوست بولۇشىمىز كېرەك. بۇ چوڭ مەنىدىن تەڭ پايدا ئېلىش بولىدۇ، كۆپچىلىك بۇنى چۈشىنىدۇ. بەش كىچىك بازارنىڭ ئورنىغا بىر بازار بولىدۇ. بىر بازار، ئەلۋەتتە. بىز قانۇنلارنى ماسلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم. بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، داۋاملىشىدۇ.

 

ت ر ت ۋورلد مۇخبىرى: بۇ بازارغا قانداق تەبىر بېرىسىز؟ ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقىمۇ ياكى باشقا نەرسە بولامدۇ؟

 

ئوتوربايېۋ: مەجبۇرىيەت ۋە قانۇن بىرلىكىنى تەلەپ قىلىدىغان نىزامنامە تۈزۈش توغرىسىدا سۆھبەتلەشمىدۇق. ھەر يىلى بىزنىڭ بەش پىرېزىدېنتىمىز - بەزىدە ئۇلار ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتىنى تەكلىپ قىلىدۇ - مەسلىھەت شەكلىدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ. ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىز بىلەن (5 + 1) شەكىلدە كۆرۈشۈشنى خالايدۇ. بىز بىر يەرگە جەم بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ تۇرغۇزۇش مۇساپىسىنى باشلىدۇق. مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئىتتىپاق قۇرۇپ-قۇرالمايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا بىر نەسە دېيەلمەيمەن. بۇ جەريان بىر-بىرىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن تەبىئىي ۋە قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىشى كېرەك.

 

ت ر ت ۋورلد مۇخبىرى: تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە قانداق رول ئوينايدۇ؟

 

ئوتوربايېۋ: بىز تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (ت د ت) نىڭ ئەزالىرى. (تاجىكىستان پارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەت. ت د ت نىڭ ئەزاسى ئەمەس) ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ت د ت باشلىقلار يىغىنى ئۈنۈملۈك ۋە ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا. شۇڭا، بىز بىر-بىرىمىز بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇشىمىز كېرەك. مەن بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە كىتابىمدا تىلغا ئالغان ياۋرو-ئاسىيا تۆمۈر يول ئىنقىلابىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشنى خالايمەن. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا گۈللىنىشى: يېڭى چوڭ ئويۇننىڭ سايىسىدا» بولىدۇ.

بۇ تۆمۈر يول خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا زور سودا ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ زور قاتناش. ھەر سائەتتە بىر قېتىم تولۇق يۈك قاچىلانغان ئىككى پويىز ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ياۋروپا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قاتنايدۇ. ئاساسلىقى​ خىتاينى كاسپىي دېڭىزى، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، تۈركىيە ۋە قارا دېڭىزغا تۇتاشتۇرىدىغان نامدىكى ئوتتۇرا كارىدور ئارقىلىق.

بۇ يېڭى يىپەك يولى بىز ئۈچۈنمۇ يېڭى ھېسسىيات يولىدۇر، چۈنكى تۈرك قېرىنداشلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دېڭىز ئارقىلىق سودا قىلىش تولىمۇ ناھايىتى تەس. ھازىر تۆمۈر يول ئارقىلىق تېز ھەرىكەت قىلىمىز. سودىمىز تەرەققىي قىلىدۇ. خەلقىمىز تېخىمۇ كۆپ ساياھەت قىلىدۇ. سودا، مەبلەغ سېلىش، كىشىلىك مۇناسىۋەت، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك تۈرلىرى كۈچەيتىلىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ياخشى ئەشيا ئوبوروت پۇرسىتىمىز بولىدۇ. پويىز بىلەن خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدىن گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگقا بېرىش ئۈچۈن 12 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. دېمەك، بىشكەك بىلەن ئىستانبۇل ئوتتۇرىسىدا پەقەت ئالتە كۈنلا ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ياۋرو-ئاسىيا سودىسى تۈرك يولى ئارقىلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. تۈرك دۆلەتلىرى ئىلگىرىكىدىنمۇ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us