ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئاساسىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ ساھەنىڭ ئەنگلىيە، نورۋېگىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
سەيشەنبە كۈنى لاھەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ناتو ئاممىۋى مۇنبىرىدە سۆز قىلغان رۇتتې: «تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىنتايىن مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە. بىز بەزىدە ئۇلارنىڭ نېمىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. مەن ئۇلارنىڭ بەزى شىركەتلىرىنى زىيارەت قىلدىم، ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن» دېدى.
رۇتتې سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئاساسىنىڭ ئەنگلىيە، نورۋېگىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زىچ باغلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.
رۇتتې دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىق رامكىلىرى سەۋەبلىك ئىتتىپاق ئىچىدە ئىچكى نىزا پەيدا قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ناتو ئىچىدە بۇنداق توسالغۇلارنىڭ بولۇشىغا يول قويمايلى. بۇ ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى.
ناتونىڭ 32 ئەزا دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرى 24-ۋە 25-ئىيۇن كۈنلىرى لاھەيدە بىر يەرگە كېلىپ، ھالقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. يىغىندا ئېشىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئەزالىق ئىلتىماسى قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.