ئاۋسترالىيەنىڭ كۋانتاس (Qantas) ئاۋىياتسىيە شىركىتى چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئالتە مىليون خېرىدارغا ئائىت سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىستېمىغا تور ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ «مۇھىم» بىخەتەرلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كۋانتاس كومپيۇتېر خاككېرلىرىنىڭ خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىش مەركىزىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىغانلىقىنى ۋە ئۈچىنچى تەرەپ ئىشلەتكەن كومپيۇتېر سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاۋسترالىيەدىكى بۇ داڭلىق شىركەت خاككېرلارنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئىسمى، ئېلخەت ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى ۋە تۇغۇلغان كۈنى قاتارلىق سەزگۈر ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
باياناتتا: «بۇ سۇپىدا مۇلازىمەت خاتىرىسى بولغان ئالتە مىليون خېرىدارىمىز بار» دېيىلدى.

شىركەت: «ئوغرىلانغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ نىسبىتىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، ئەمما بۇنىڭ كۆرۈنەرلىك مىقداردا بولۇشىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز» دېدى.
كۋانتاس يەنە كىرېدىت كارتى ئۇچۇرلىرى ۋە پاسپورت نومۇرلىرىنىڭ سىستېمىدا ساقلانمايدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
باياناتتا: «بۇ ئەھۋالنىڭ كۋانتاسنىڭ تىجارىتىگە ياكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھېچقانداق تەسىرى يوق» دېيىلدى.
شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋانېسسا خۇدسون (Vanessa Hudson) كۋانتاسنىڭ ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىكى ماسلاشتۇرغۇچىسىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى: «خېرىدارلىرىمىزدىن چىن دىلىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز. بۇ ئەھۋال كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېنىقسىزلىقنى چۈشىنىمىز. خېرىدارلىرىمىز شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بىزگە ئىشىنىپ تاپشۇرىدۇ، بىز بۇ مەسئۇلىيەتكە ئەستايىدىل قارايمىز» دېدى.
ئادېلايد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى كرىستوفېر برونك، ئوغرىلانغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كىملىك ئوغرىلاش جىنايىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
برونك: «ئوغرىلانغان خېرىدارلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى، كومپيۇتېر ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ باشقا تور ھېساباتلىرىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان جىنايەتچىلەر ئارىسىدا قايتا سېتىش ئىمكانىيىتى جەھەتتە قىممەتكە ئىگە» دېدى.
يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن بىر قاتار چوڭ تور ھۇجۇملىرى ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ قوغدىلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى.

لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى رۇمپا داسگۇپتا بولسا: «ئاۋسترالىيەدە قايتا-قايتا يۈز بېرىۋاتقان بۇ تور ھۇجۇملىرى نۇرغۇن ئورگانلارنىڭ يەنىلا تور بىخەتەرلىكىگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى، بۇ مەسىلىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.
كۋانتاس 2024-يىلىمۇ كۆچمە ئەپ دېتالىدىكى بىر كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن بەزى يولۇچىلارنىڭ ئىسمى ۋە ساياھەت تەپسىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى سەۋەبىدىن ئەپۇ سورىغان ئىدى.
2023 - يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ يۈك سودىسىنىڭ %40 نى باشقۇرىدىغان چوڭ پورتلار، DP World ناملىق تىجارەتچىگە تەۋە كومپيۇتېرلارغا خاككېرلارنىڭ سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە توختاپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى.
2022 - يىلى رۇسىيەدە پائالىيەت قىلىدىغان خاككېرلار ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي ساغلاملىق سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ بىرىنىڭ سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىپ، توققۇز مىليوندىن ئارتۇق ھازىرقى ۋە سابىق خېرىدارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشكەن ئىدى.
شۇ يىلى تېلېگراف شىركىتى ئوپتۇسمۇ تەخمىنەن 9.8 مىليون كىشىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلانغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆلەمدىكى بىر سانلىق مەلۇمات ئوغرىلىنىش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئىدى.