باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ لىكۇد پارتىيەسىدىكى مىنىستىرلار، پارلامېنتنىڭ بۇ ئاي ئاخىرىدا تەتىلگە چىقىشتىن ئىلگىرى، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋېلىشقا چاقىردى.
نېتانياھۇنىڭ كېلەر ھەپتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن 60 كۈنلۈك غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى سۆھبەتلىشىشى مۆلچەرلەنگەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى سۇنۇلغان بۇ مۇراجىئەتنامىگە 15 مىنىستىردىن باشقا يەنە، ئىسرائىلىيە پارلامېنتى باشلىقى ئامىر ئوخانامۇ ئىمزا قويدى.
باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى بۇ مەسىلىگە قارىتا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى، نېتانياھۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىشىنىدىغان شەخسلىرىدىن بىرى بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئىشلار مىنىستىرى رون دېرمېر بولسا مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويمىدى. دېرمېر دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ۋاشىنگتوندا ئىران ۋە غەززە مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە.
مۇراجىئەتنامىدە: «بىز، مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قانۇنلىرىنىڭ يەھۇدىيە ۋە سامارىيەگە غەربىي قىرغاقنى قوشىۋىلىش ئۈچۈن دەرھال تەتبىقلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان.
مۇراجىئەتنامىدە يەنە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە ھاماسنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىنىڭ بۇ رايوندا پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق تەھدىتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقى ۋە «ۋەزىپە ئورۇندىلىشى، ئىچكى قىسىمدىكى مەۋجۇتلۇق تەھدىتى يوقىتىلىشى ۋە دۆلەتنىڭ يۈرىكىدە يەنە بىر قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدى ئېلىنىشى كېرەك» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى
ئىسرائىلىيە 1967-يىلىدىكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا غەربىي قىرغاقنى ئىشغال قىلغان. ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا تەخمىنەن 500 مىڭ قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەن، ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا 200 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن مەۋجۇت. ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا يۈزدىن ئارتۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونى قۇرۇپ چىقتى.
نۇرغۇن دۆلەتلەر غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز زىئونىست ئولتۇراق رايونلىرىنى پەلەستىن جامائەتچىلىكىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان قۇرۇلمىلار دەپ قارايدۇ ۋە بۇنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دەپ ھېسابلايدۇ.
قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە، ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، 56 مىڭ 600 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدا 11 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
بىراق مۇتەخەسسىسلەر، غەززە دائىرىلىرى دوكلات قىلغان ئۆلۈم سانىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ھەقىقىي ساننىڭ 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.