بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى ئىنسانىي كرىزىسنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، غەززەدە قورشاۋ ئاستىدا قالغان دىيالىز بىمارلىرىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سەھىيە ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى ياكى ئۇلارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك، ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى (OCHA) نى ئىما قىلىپ، دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «رەفاھ ۋە دەير ئەل-بەلاھتىكى ھەربىي تارقىتىش مەركەزلىرى يېنىدا ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا» دېدى.
دۇجارىك، ئىسرائىلىيەنىڭ سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ئۈزلۈكسىز ھۇجۇملىرى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ، غەززەنىڭ شىمالىدىكى نورا ئەل كەئبى دىيالىز مەركىزىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇجارىك، «غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىكى توقۇنۇشلارنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن بۇيان غەززەدىكى دىيالىز بىمارلىرىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، مەركەزلەرنىڭ يا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ياكى ئۇلارغا يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان ھالەتتە بولۇشىدۇر» دېدى.
غەززەدىكى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىش ئەھۋالىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان دۇجارىك: «شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى، خان يۇنۇس ۋە دەير ئەل-بەلاھتا يېڭى بىر تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چىقاردى. بۇ، يەر-ماكانىدىن ئايرىلغانلار پاناھلىنىۋاتقان 200 دىن ئارتۇق جايدا ياشاۋاتقان تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى» دېدى.
دۇجارىك: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 18-مارتتىن بۇيان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەمكارلاشقۇچىلىرى، غەززەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېقىن كېلىدىغان 640 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قايتىدىن يەر-ماكانىدىن ئايرىلغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
كەرەم ئەبۇ سالىم (كەرەم شالوم) ئېغىزىنىڭ قايتا ئېچىلغىنىدىن بۇيان غەززە تەرەپكە 300 دىن ئارتۇق ياردەم يۈك ماشىنىسى كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ياردەمگە ئېرىشىش يەنىلا تەرتىپسىز ھالدا تۇرماقتا.
دۇجارىك: «بۈگۈن، كەرەم شالومدىن ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىش ئۇرۇنۇشلىرىمىزدىن بىرى رەت قىلىندى» دېدى.
ئىسرائىلىيە قىرغىنچىلىقى
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا.
پەلەستىنلىكلەر، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 54 مىڭ 470 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى رۇيخەتكە ئالدى.
پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «ۋافا» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، ھەقىقىي ئۆلگەنلەر سانىنىڭ غەززە دائىرىلىرى دوكلات قىلغاندىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە تەخمىنەن 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدا ئىسرائىلىيە، رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى ۋە پۈتۈن نوپۇسنى دېگۈدەك يەر-ماكانىدىن ئايرىدى.
ياردەم تەشكىلاتلىرى، 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ياشاۋاتقان بۇ رايوندا ئاچارچىلىق خەۋپىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا.
ئۆتكەن يىلى نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.
ئىسرائىلىيە يەنە، رايوندىكى پۇقرالارغا قارشى سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.