ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە پولشاغا «K2» ناملىق تانكا ئېكىسپورت قىلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارلانماقتا
جەنۇبىي كورېيە پولشاغا 180 دانە «K2» ناملىق تانكا ئېكىسپورت قىلىش ئۈچۈن 6 ميليارد دوللارلىق كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارلانماقتا.
جەنۇبىي كورېيە پولشاغا «K2» ناملىق تانكا ئېكىسپورت قىلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارلانماقتا
جەنۇبىي كورېيە پولشاغا «K2» ناملىق تانكا ئېكىسپورت قىلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارلانماقتا / Others
19 ساعت پیش

جەنۇبىي كورېيە پولشاغا «K2» ناملىق تانكا ئېكىسپورت قىلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارلانماقتا

سېئۇل بۇ ئاي پولشاغا 180 دانە «K2» ناملىق تانكا ئېكىسپورت قىلىش نىشان قىلىنغان ئەڭ چوڭ مۇداپىئە كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا تەييارلانماقتا. 117 تانكا يونخاپ روتېم گۇرۇھى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، قالغانلىرى پولشادىكى دۆلەت شىركىتى PGZ بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا  ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى پولشاغا تەخمىنەن 6 ميليارد دوللار قىممىتىدىكى قوشۇمچە «K2 Black Panther» ناملىق تانكا ئېكىسپورت قىلىش ئۈچۈن مۇداپىئە كېلىشىمىنى تاماملاشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. بۇ كېلىشىم سېئۇلنىڭ ھازىرغىچە تۈزگەن ئەڭ چوڭ يەككە قورال - ياراغ ئېكىسپورتى كېلىشىمى بولىدىكەن. 

مۇداپىئە سانائىتىنىڭ بىر مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىمزا مۇراسىمىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى سەيشەنبە كۈنى پولشادا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا ئىكەن. 

كېلىشىم دائىرىسىدە پولشا جەنۇبىي كورېيەدىن 180 دانە «K2» ناملىق تانكا سېتىۋالىدىكەن. بۇ تانكىلارنىڭ 117 سى جەنۇبىي كورېيەنىڭ مۇداپىئە شىركىتى يونخاپ روتېم گۇرۇھى تەرىپىدىن  ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، قالغان تانكىلار بولسا پولشادىكى دۆلەت مۇداپىئە شىركىتى PGZ تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Poland, Baltics signal intent to withdraw from landmines treaty due to Russian threats

داۋاملىشىۋاتقان خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى

كېلىشىمنىڭ دەسلەپتە 2023-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئىمزالىنىشى پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككى دۆلەتتىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ جەنۇبىي كورېيەدە 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان ۋە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشقان جىددىي ھالەت سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلدى. 

بۇ كېلىشىم، پولشانىڭ روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن داۋاملىشىۋاتقان خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ھەربىي قابىلىيەتلىرىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالدى. 

2022-يىلى ۋارشاۋا جەنۇبىي كورېيە بىلەن «K2» تانكىلىرى، «K9» ناملىق ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتلىنىدىغان خوۋىتزېر  ۋە «FA-5» يېنىك تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى  سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقاتار مۇداپىئە كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Poland scrambles jets as Russia strikes Ukraine
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us