سېئۇلدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ «يۆنخاپ» ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى خىتايدىن كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇشقا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
جەنۇبىي كورېيە خىتاينى بۇ جەرياندا «ئىجابىي رول ئويناش» قا چاقىرىشى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن يېڭىدىن سايلانغان جەنۇبىي كورېيە دۆلەت رەئىسى لى جائېميوڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى تېلېفون سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
لى ئۆتكەن ھەپتە تۇيۇقسىز ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. بۇ سايلام دېكابىردا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشقا ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولغان يون سۇكيولنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىدىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى كاڭ يۇجۇڭ، شى جىنپىڭنىڭ لىغا خىتاينىڭ «مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى» نى ئېيتقانلىقىنى يەتكۈزدى.
شى يەنە: «يېرىم ئارالدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەنۇبىي كورېيە بىلەن خىتاينىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
كورېيە يېرىم ئارىلى 1950-يىللىرىدىكى كورېيە ئۇرۇشىدىن بۇيان بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، جەنۇبىي كورېيە 2006-يىلىدىكى تۇنجى يادرو سىنىقىدىن كېيىن، شىمالىي كورېيەدىن كۆپ قېتىم يادرو قورالسىزلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
جەنۇبىي كورېيەنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى يوننىڭ 2022-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، كورېيەلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنگەن مۇناسىۋەتلەر تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە داۋاملاشماقتا.
شى بىلەن لى يەنە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، سودا ۋە «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىكى» قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ لىنىڭ چەت ئەل رەھبىرى بىلەن ئۈچىنچى قېتىم تېلېفوندا سۆزلىشىشى ئىدى. ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرى ئىشىبا شىگېرۇ بىلەن سۆزلەشكەن ئىدى.
شى بېيجىڭ بىلەن سېئۇلنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ئەركىن سودىنى بىرلىكتە قوغدىشى، يەر شارى ۋە رايون خاراكتېرلىك سانائەت ھەمدە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم ۋە ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئىككى تەرەپنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
«يۆنخاپ» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لى شى جىنپىڭنى نويابىردا جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان.
لى مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردە بىز ئۈچۈن مۇھىم ھەمراھتۇر. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئىككى دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى ھەمدە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقىي تۆھپە قوشالايدىغان كورېيە-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىكىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن»
جەنۇبىي كورېيە دۆلەت رەئىسى خىتاي بىلەن «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە باراۋەرلىك روھىغا ئاساسلانغان» ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشقا چاقىردى.
لى بىلەن شى يەنە «كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش» توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.