-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى مالايشىيانىڭ پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا باشلاندى.
يىغىندا رايون رەھبەرلىرى ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجى، بىرمادىكى توقۇنۇش ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىختىلاپ قاتارلىق مۇھىم رايونلۇق ھەم يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.
«مالاي مەيل» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رەھبەرلەرنىڭ رايونلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقلىرى، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىلار ۋە نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان قىيىنچىلىقلار مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بۇ يىغىن دۈشەنبە كۈنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى بىلەن باشلانغان.
نۆۋەتچى رەئىس سۈپىتىدە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا خەت يېزىپ، بۇ يىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى - ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشىنى ۋە تاموژنا بېجى مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەر ئىبراھىم مۇنداق دېدى:
«ھەقىقەتەنمۇ گېئوسىياسىي تەرتىپتە بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، دۇنيا سودا سىستېمىسى ئامېرىكانىڭ بىر تەرەپلىمىلىك تاموژنا بېجىنى يولغا قويۇشى بىلەن تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە قوغدىنىش سىياسەتلىرى قايتىدىن باش كۆتۈردى ھەمدە كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ ئاساسى تەۋرىنىپ قالدى.»
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئامېرىكانىڭ %10 دىن %49 گىچە بولغان تاموژنا بېجىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. لېكىن، ترامپ ئۆتكەن ئايدا تاموژنا بېجىنىڭ ئۇدا 90 كۈن ۋاقىتلىق توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىىن كېيىن، بۇ دۆلەتلەر ۋاشىنگتون بىلەن سۆھبەتنى تېزلىك بىلەن باشلىدى.
ئەنۋەر ئىبراھىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ «خالىغانچە ھەرىكەتلىرى» دىن كېلىپ چىققۇسى گېئوسىياسىي جىددىيچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۇئالالۇمپور خىتابنامىسى
ئەنۋەر ئىبراھىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ ھەر ۋاقىت كەڭ قورساقلىق، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە ئوچۇق - ئاشكارا سودىغا تايىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئەمما ھازىر «گۈللىنىشنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى» تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۈچۈن تىنچلىقىمىز، مۇقىملىقىمىز ۋە گۈللىنىشىمىز ئومۇمىي جەھەتتىن ئەركىن سودا، سەرمايە، ئىنسان كۈچى بايلىقى، ئوچۇق – ئاشكارا ۋە كەڭ قورساق بولۇشنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان ھەم قائىدە – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىدىغان خەلقئارا تەرتىپكە ئىزچىل رىئايە قىلىپ كەلدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ پىرىنسىپلار ھازىر خالىغانچە ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرىدە بۇزۇلۇۋاتىدۇ، ئىتتىپاقىمىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ چىداملىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.»
باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دوست دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىدى. خىتاينىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي شېرىك ئىكەنلىكىنى، پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى –خىتاي – پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
باشلىقلىرى يىغىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ASEAN پارلامېنتلار ئارا مەجلىسىنىڭ ۋەكىللىرى، ASEAN ياشلار ۋەكىللىرى ۋە ASEAN سودا مەسلىھەت كېڭىشى ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يىغىندا، «ASEAN 2045: ئورتاق كېلەچىكىمىز» تېمىلىق كۇئالالۇمپور خىتابنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھىندونېزىيە، ۋيېتنام، لائوس، برۇنېي، تايلاند، بىرما، فىلىپپىن، كامبودژا، سىنگاپور ۋە مالايشىيا قاتارلىق 10 ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان خەلقئارالىق تەشكىلاتتۇر.