پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىنى توسۇشى سەۋەبلىك، 76 نەپىرى بالا بولۇپ، جەمئىي 86 پەلەستىنلىكنىڭ ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلىق يەكشەنبە كۈنى يازما بايانات بېرىپ: «غەززەدە ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن 76 نەپىرى بالا بولۇپ، جەمئىي 86 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.
قورشاۋغا ئېلىنغان رايوندىكى ئىنسانىي كىرىزىس «ساداسىز قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغان باياناتتا، ئىنسانىي شارائىتنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
مىنىستىرلىق، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەدە كەم دېگەندە 18 كىشىنىڭ ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەك كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىش مەقسىتىدە چېگرا ئېغىزلىرىنى دەرھال قايتا ئېچىشقا چاقىردى.
ئىسرائىلىيە 2-مارتتىن بۇيان غەززە بىلەن بولغان بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋېتىپ، رايون ئاھالىسىنىڭ ئىنسانىي ياردەمگە ئېرىشىشنى توسۇپ كەلمەكتە؛ بۇ ئەھۋال ئاچارچىلىقنىڭ يېيىلىشىنى تېخىمۇ تېزلەتمەكتە.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى
ئىسرائىلىيە قورشاۋغا ئالغان غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرى بىلەن كۆپ قىسمى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 59 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكى ئاستىدا تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنىڭ ھازىرغىچە كۆمۈلۈپ ياتماقتا ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر غەززەدىكى مەسئۇللارنىڭ دوكلات قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى، ھەقىقىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 200 مىڭغا يېقىنلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ھۇجۇملار داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە، غەززەنىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، رايون نوپۇسىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك مەجبۇرىي كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئۆتكەن يىلى نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۇئاۋ گالانت ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.
ئىسرائىلىيە يەنە، غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانماقتا.