سىياسەت
6 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ تاموژنا بېجى تەھدىتى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۈچۈن سىناق
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (BRICS) غا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولدى. ئەڭ ئاۋال كىمنىڭ ئارقىغا يانىدىغانلىقى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
ترامپنىڭ تاموژنا بېجى تەھدىتى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۈچۈن سىناق
دوللار
10 hours ago

دونالد ترامپ ھېچقاچان تاموژنا بېجىنى سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشتىن باش تارتمىدى، ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدىمۇ بۇ پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچمەيدىغاندەك قىلىدۇ.

ترامپ قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرۈپ تۇنجى كۈنىلا، ئەگەر  كېسەك ئالتۇن ئەللىرى دوللارنى چەتكە قېقىش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، %100 تاموژنا بېجى قويۇش  بىلەن تەھدىت سېلىپ، قاتتىق پوزىتسىيەسىنى قايتىدىن جەزملەشتۈردى.

ترامپ  ھازىردىن باشلاپلا 0 گە قارشى 2 نەتىجە قازاندى. مېكسىكاغا %25، كاناداغا %25 ۋە خىتايغا %10 تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ باجىلارنىڭ يولدا ئىكەنلىكىنى ۋەدە قىلدى.

لېكىن، ترامپ يېڭى بىر سودا ئۇرۇشىغا تەييارلىنىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، ۋاشىنگتون دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا دېگۈدەك ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەتلەر توپى بىلەن ئىقتىسادىي يۈزلىشىشكە تەۋەككۇل قىلالارمۇ؟

ئەگەر ترامپ تەھدىتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، كېسەك ئالتۇن ئەللىرى بۇ بېسىم ئاستىدا قانداق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ؟

 

زاپاس پۇل بىرلىكى سۈپىتىدە دوللار

 

ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئامېرىكا دوللىرى دۇنيا سودىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلدى، بۇ ھۆكۈمرانلىق «برېتون ۋۇدز سىستېمىسى» ۋە ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى بىلەن مۇستەھكەملەندى.

20 - ئەسىردە بۇ رولنى ئەنگلىيە فوندستېرلىڭى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بىراق ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىشى ۋە ئۇرۇش قەرزى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئاساسلىق دۇنيا زاپاس پۇل بىرلىكىگە ئايلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

ۋاشىنگتون بۇ كۈچنى جۇغراپىيەلىك سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشتىن باش تارتمىدى.

رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ يۈز مىليارد دوللارلىق رۇسىيە مۈلكىنى توڭلىتىشى، جازا يۈرگۈزۈشى ۋە رۇسىيەنى ئاساسەن دېگۈدەك دۇنيا مالىيە تورىدىن چىقىرىۋېتىشى بىلەن بۇ ئەھۋال ئېچىنىشلىق ھالدا ھەممىگە ئايان بولدى.

شۇنىڭغا ئوخشاش، «پوپ برۇنسون كىرىزىسى» مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭمۇ ئىقتىسادىي بېسىمغا ئۇچرىشى، ۋاشىنگتوننىڭ مالىيە مېخانىزملىرى گېئوپولىتكىلىق رەقىبلىرىگە قارشى قورال ئورنىدا  قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

ئېمبارگولار تاموژنا بېجى، سۋىفت (SWIFT)  سىستېمىسى ۋە دوللار ھۆكۈمرانلىقىغا ئوخشاش قوراللارنى ئامېرىكا ھەر ۋاقىت قورال ئورنىدا ئىشلىتەلەيدۇ.

كېيىنكى يىللاردا، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدى.

مەسىلەن، خىتاي ۋە بىرازىلىيە ھازىر دوللارنى ئاتلاپ، يەرلىك پۇل بىرلىكلىرىدە سودا قىلىۋاتىدۇ. ھىندىستان ۋە مالايشىيا رۇپىيەنى ئاساس قىلىپ  چېگرا ھالقىغان سودىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كېلىشىم ئىمزالىدى.

ھندونېزىيە مەركىزىي بانكاسى (BI)، ھىندىستان مەركىزىي بانكاسى (RBI) بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتتى. ھەر ئىككى مەركىزىي بانكا يەرلىك پۇل بىرلىكلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كېلىشتى. ھەتتا ئۇزۇندىن بېرى ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلگەن فىرانسىيەمۇ ئېنېرگىيە سودىسىنى يۈەن بىلەن قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ھىندونېزىيە يېقىندا ۋون بىلەن رۇپىيە ئارىسىدا بىۋاسىتە ئالماشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كېلىشىم ئىمزالىدى.

رۇسىيە بىلەن خىتاي نەچچە يىلدىن بېرى دوللارنى ئاتلاپ سودا قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

2019 - يىلىدىن بۇيان موسكۋا بىلەن ئەنقەرە ئىككى تەرەپ سودىلىرىدا يەرلىك پۇل بىرلىكلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ئىقتىسادىي كۇلۇبمۇ ياكى گېئوپولىتىكىلىق تەڭپۇڭلۇق ئامىلىمۇ؟

ئەزالىرى دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %30 ىنى ۋە دۇنيا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۈنسېرى غەرب رەھبەرلىكىدىكى ئورگانلارغا نىسبەتەن بىر تەڭپۇڭلۇق ئامىلى سۈپىتىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

2006 - يىلى بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە خىتاي «BRIC»  دېگەن نام بىلەن قۇرۇلغان بۇ توپ، 2010-يىلى جەنۇبىي ئافرىقانىڭ قېتىلىشى بىلەن كېڭەيدى، ئاندىن كېيىن ھىندونېزىيە يېقىندا ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە ئېفىيوپىيەمۇ قوشۇلدى.

تۈركىيەنىڭمۇ بۇ ئىتتىپاققا قىزىقىشى بار بولۇپ، ئالجىرىيە، بېلارۇسىيە، بولىۋىيە، كۇبا، ھىندونېزىيە، قازاقىستان، مالايشىيا، نىگېرىيە، تايلاند، ئۇگاندا، ئۆزبېكىستان ۋە ۋېيتنام بىلەن بىرگە «شېرىك دۆلەت» سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى.

2014 - يىلى  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۇل- ئەسلىھە تۈرلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن يېڭى تەرەققىيات بانكاسىنى قۇردى ۋە ئورتاق سودا پۇل بىرلىكى ھەققىدە مۇنازىرىلەر باشلاندى. لېكىن، ھازىرچە ئەمەلىي قەدەملەر تاشلانمىدى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن G7 رەھبەرلىكىدىكى ئورگانلارغا نىسبەتەن يوشۇرۇن بىر تاللاش سۈپىتىدە قارالماقتا.

لېكىن، بۇ نىشانلىرىغا قارىماي كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مۇھىم سىناققا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا، يەنى ترامپنىڭ قوپال تاموژنا بېجى تەھدىتلىرىگە قانداق جاۋاب قايتۇرۇش؟

ئامېرىكا بازىرىدىن ئېمبارگو سەۋەبىدىن زور دەرىجىدە ئۈزۈلۈپ چىققان رۇسىيە تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن.

ترامپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سودا ئۇرۇشىدىن ساۋاق ئالغان خىتاي، ئىلگىرىكىدىن مۇستەقىل بولسىمۇ، تەشكىلات ئىچىدە ترامپنىڭ جېدەلخور سودا سىياسەتلىرىگە ئەڭ ئوچۇق دۆلەتتەك كۆرۈنىدۇ.

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇمىي سودا ھەجىمى 2023-يىلى 574 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇنىڭ 279 مىليارد دوللىرى خىتاينىڭ پايدىسىغا ئىدى.

خىتاينىڭ ئامېرىكاغا بولغان ئېكسپورتىنىڭ مۇھىم قىسمىنى تېلېفونلار، كومپيۇتېر زاپچاسلىرى، ئېلېكتر سايمانلىرى، ئاياغ، ئاشخانا سايمانلىرى ۋە سانائەت ئۈسكۈنىلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

ھىندىستانمۇ مۇھىم مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئامېرىكانىڭ سودا قىزىل رەقىمى ھىندىستاننىڭ پايدىسىغا 43 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، ئومۇمىي سودا ھەجىمى 2023-يىلى 124 مىليارد دوللار بولدى.

ھىندىستاننىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ مۇھىم قىسمىنى مەرۋايىتلار، قىممەتلىك تاشلار-مېتاللار، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر، دورا مەھسۇلاتلىرى ۋە كان يېقىلغۇلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپنىڭ تاموژنا باجلىرى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا نىسبەتەن باھانى ئۆستۈرۈۋېتىدىغان قايتۇرما زەربىلەرنى قوزغىتىشى تۇرغانلا گەپ.

ھالقىلىق پەيت

ئامېرىكانىڭ ئارىلىشىشى بولماي تۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى پۇل بىرلىكىنىڭ كۈچىيىش ئېھتىمالى ئانچە مۇمكىن ئەمەس.

دۇنياۋى زاپاس پۇل بىرلىكى، خۇددىي ئىنگلىز تىلى دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملاشقان تىلغا ئايلانغاندا ئېسپېرانتونىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنغىنىغا ئوخشاش، مۇقىم بىر ئاساسىي بازىنى تەلەپ قىلىدۇ.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) نىڭ چوڭ پۇل بىرلىكلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر سېۋەتكە ئاساسلانغان سۈنئىي پۇل بىرلىكى بولغان ئالاھىدە چېكىش ھوقۇقى (SDR)، دەل مۇشۇ بىرلا ئىشەنچلىك ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىنىشقا ئېرىشەلمىدى.

ئەگەر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پۇل بىرلىكى دوللار بىلەن رىقابەتلەشمەكچى بولسا، ئەزا دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ پۇل بىرلىكلىرىدىن ۋاز كېچىشى، بىرلىككە كەلگەن مەركىزىي بانكا ئاستىدا پۇل ئىتتىپاقى قۇرۇشى كېرەك. بۇ، غايەت زور چوڭلۇقتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بىر قىيىنچىلىقتۇر.

ئاساسلىق توسالغۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ مۇشۇنداق بىر بىرلىكنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا ئىشلىشىگە نىسبتەتەن تولىمۇ پەرقلىق بولۇشىدۇر.

ياۋرو رايونىغا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەتلىك پۇل بىرلىكلىرى، ئادەتتە ئوخشاش سودا دەۋرلىرىگە ئىگە چوڭقۇر سودا باغلىنىشلىرى بار ۋە نىسبەتەن ئېقىشلىق ئىش كۈچى بازىرىغا ئىگە زىچ بىرلىشىپ كەتكەن ئىقتىسادلار ئارىسىدا مەيدانغا كېلىدۇ.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلار، پۇل سىياسەتلىرى ۋە سىياسىي ئالدىنقىلىققا ئىگە چېگىش ئىقتىسادلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

بۇنداق مۇھىتتا، ئورتاق بىر پۇل بىرلىكى، بىر ئىقتىساد ھەددىدىن زىيادە قىززىسا، يەنە بىرىنىڭ چېكىنىشكە يۈزلەنگەنگە ئوخشاش ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈم نىسبەتلىرىنى تاشقى پىرېۋوت باھاسىنى مۇستەقىل تەڭشەش ئىقتىدارى بولمىغان ئەھۋالدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

چېگرا ھالقىغان ئىش كۈچى ھەرىكەتچانلىقى ياكى كۈچلۈك سىياسىي رامكاغا ئوخشاش پۇختا باشقا مېخانىزملار بولمىغان ئەھۋالدا، بۇ ئوخشىماسلىقلار مۇقىملىقتىنمۇ بەكرەك ئىختىلاپقا سەۋەب بولىدۇ.

ترامپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى دوللار ھۆكۈمرانلىقىغا جەڭ ئېلان قىلىش دەپ قارىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ توپنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرى ئۆزلىرىگە ئەڭ چوڭ توسالغۇ ھېسابلىنىدۇ.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تۆت قىتئەگە تارقالغان، ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان ۋە ئادەتتە خىتاي-ھىندىستان ھەربىي جىددىيلىكىدە كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش، تارىختىن بېرى تالاش-تارتىشلىق چېگرالارغا ئىگە.

ئىقتىسادلىرىمۇ ئوخشىمىغان سودا ئايلانمىلىرىغا ئەگىشىدۇ. ئۆرلەۋاتقان ئېنېرگىيە باھاسى رۇسىيە ۋە بىرازىلىيەگە ئوخشاش نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچىلىرىغا پايدا ئېلىپ كەلسە، خىتاي ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش ئىمپورت قىلغۇچىلارغا يۈك بولىدۇ. بۇمۇ بىرلىككە كەلگەن پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە ماس كېلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى پۇل بىرلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالىنى ئازايتىدۇ.

ترامپنىڭ ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇشى سودا ئىختىلاپىدىن تېخىمۇ ھالقىغان مەسىلە بولۇپ،  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى سىنايدىغان بىر سىناقتۇر. ئەگەر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قەتئىي پوزىتسىيەدە بولالىسا، غەربنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يېڭەلەيدىغان مالىيە مېخانىزملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ھالەتتە مەيدانغا چىقالىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بىر كېچىدىلا تەختتىن چۈشۈپ كېتىشى ناتايىن بولسىمۇ، ترامپنىڭ دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرنىڭدوللارغا بولغان بېقىندىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن باشقا مالىيە سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى تېزلىتىشى مۇمكىن.

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us