فەنەرباھچە بەكو كوماندىسى ئا س موناكو كوماندىسىنى 81 گە قارشى 70 نومۇر بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ياۋروپا ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئالاھىدە رىقابەت، ياۋروپا ۋاسكېتبولىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قايتىشتىكى تارىخىي بۇرۇلۇشنى نامايان قىلدى.
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2017-يىلى ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىستانبۇلنىڭ بۇ داڭلىق كۇلۇبى، يەكشەنبە كۈنى كەچتە، ھەم ھۇجۇمدا، ھەم مۇداپىئەدە كۆرسەتكەن ئۈستۈن ماھارىتى بىلەن مەستانىلىرىنى ھاياجانغا چۆمدۈردى.
كۆرۈرمەنلەر ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىدە، فەنەرباھچە كوماندىسى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر سىرتقى ھۇجۇملىرى ۋە رەقىبنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغان مۇداپىئەسى ئارقىلىق بالدۇرلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، موناكو كوماندىسىنى پۈتۈن مۇسابىقە داۋامىدا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
ئامېرىكالىق ھۇجۇمچى نايجېل ھايېس ۋە سېربىيەلىك ھۇجۇمچى ماركو گۇدۇرىچنىڭ ماھارىتى كوماندىغا زور ئېنېرگىيە بېغىشلىغان بولسا، باش ترېنېر سارۇناس ياسىكېۋىچيۇسنىڭ تاكتىكىلىق ئىنتىزامى فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىشىنى توسۇپ قالدى.
ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدىكى ئىككىنچى چېمپىيونلۇق
بۇ غەلىبە، تۈركىيە ۋاسكېتبولى ئۈچۈن زور بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. فەنەرباھچە كوماندىسى ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بىردىن ئارتۇق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر تۈرك كۇلۇبى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. شۇنداقلا، «سېرىق قۇشقاچلار» [فەنەرباھچە كوماندىسىنىڭ لەقىمى] ئۈچۈن بۇ، مۇسابىقە پەسلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، ئۇنتۇلغۇسىز بىر پەسىلگە غەلىبە تاجىنى كىيدۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىستانبۇل ۋە باشقا شەھەرلەردە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، كۇلۇب ئەمەلدارلىرى ۋە مەستانىلەر بۇ غەلىبىنى كوماندىنىڭ چىدامچانلىقى، كوللېكتىپ روھى ۋە فەنەرباھچەنىڭ ياۋروپا سەھنىسىدىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان نوپۇزىنىڭ نامايەندىسى دەپ تەرىپلىدى.
ئۆز تارىخىغا ئىككىنچى يۇلتۇزنى (چېمپىيونلۇقنى) قوشقان بۇ كۇلۇب، كەلگۈسى مۇسابىقە پەسىللىرىدە پۈتۈن قىتئە مىقياسىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.