ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتلەرنىڭ كېيىنكى باسقۇچىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تاممىي بۇرۇسې بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلارنىڭ شەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ئامېرىكا-رۇسىيە سۆھبەتلىرىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رۇبىيو يەنە لاۋروۋغا ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي پائالىيەتلەر ھەققىدە، جۈملىدىن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ يەمەندىكى ھۇسىلارغا قارشى ئۆلۈملۈك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەمەنگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەگەر ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دوزاخ ياغىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى سوغۇقچىلىقلارغا قارىماي، كىيېۋ ئەگەر موسكۋا شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇملىرىنى توختاتسا ئامېرىكا ئارقىلىق سۇنۇلغان 30 كۈنلۈك شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشنى پىرىنسىپ جەھەتتىن قوبۇل قىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ھېچقانداق ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلمىدى؛ بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇكرائىنا بىلەن تۈزۈلگەن ئامېرىكا كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەنلەرنىڭ سىرتىدا باشقا شەرتلەرنى قويدى.