ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ چىرىكلىك دېلوسىنى بىكار قىلىش ياكى ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىنغانلىقىنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلدى ۋە بۇ دەۋانى «سىياسىي ئوۋ» (جادۇگەر ئوۋى) دەپ سۈپەتلىدى.
ترامپ چارشەنبە كۈنى «Truth Social» ئىجتىمائىي تور سۇپىسىدا: «نېتانياھۇنىڭ دېلوسى دەرھال بىكار قىلىنىشى ياكى بۇ ئۇلۇغ قەھرىمان ئەپۇ قىلىنىشى شەرت» دەپ يازدى.
ترامپ نېتانياھۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ «ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئۇلۇغ باش مىنىستىرى» دەپ تەسۋىرلەپ، ئۇنىڭ دۈشەنبە كۈنى سوتقا چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ دېلونى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇ يەنە: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق پەيتلەرنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئەسنادا، باش مىنىستىرىغا قارشى بۇ بىمەنە ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. مەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىلەن ئۇنىڭدىنمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىيەلەيدىغان باشقا بىرەرسىنى بىلمەيمەن» دەپ يازدى. ترامپ ئامېرىكانىڭ يېقىنقى ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئىسرائىلىيەنى «قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى»، ئەمدى ئىسرائىلىيەنىڭمۇ نېتانياھۇنى «قۇتقۇزۇۋېلىش» نۆۋىتىنىڭ كەلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە قىستۇردى. ئۇ نېتانياھۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ جەسۇر ۋە قابىلىيەتلىك رەھبىرى دەپ تەرىپلىدى.
پارىخورلۇق، ئالدامچىلىق ۋە ئىشەنچنى سۇيىئىستېمال قىلىش
ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى يېقىنقى يىللاردا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلگەن ئېغىر سۈركىلىشلەردىن كېيىن، مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ياكى كەم دېگەندە ئاشكارا ھالدا بىر-بىرىنى قوبۇل قىلىش ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئۆزگىرىش دەپ قارالماقتا.
ئىلگىرىكى زىددىيەتلەرنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردىن كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ جىددىيچىلىككە بولۇپمۇ ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدە ئىلگىرىكى پىرېزىدېنتلاردىن پەرقلىق ھالدا ئىسرائىلىيەنى تۇنجى بېكەت قىلىپ زىيارەت قىلماسلىقى سەۋەب بولغان.
بۇ زىيارەتتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، ترامپ يەمەندىكى ھۇسىيلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيە نىشانلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشىنى شەرت قىلمايلا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانىدى. ئۇ يەنە ھاماس بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشكە رۇخسەت قىلغان بولۇپ، بۇ سۆھبەتلەر جەريانىدا ئۇنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە قوش دۆلەت پۇقرالىقىدىكى بىر گۆرۈگە ئېلىنغۇچىنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە غەززەگە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشكە قوشۇلغان.
نېتانياھۇ ئۈستىدىن تۇرغۇزۇلغان پارىخورلۇق، ئالدامچىلىق ۋە ئىشەنچنى سۇيىئېستىمال قىلىش دېلوسى 2020-يىلىدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. دېلو غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە لىۋاندىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم كېچىكتۈرۈلدى.
بىرىنچى دېلودا، نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى سارانىڭ مىلياردېرلاردىن سىياسىي ئېتىبار كۆرسىتىش بەدىلىگە، قىممىتى 260 مىڭ دوللاردىن ئاشىدىغان تاماكا، زىبۇزىننەت ۋە شامپان ھارىقى قاتارلىق ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى پارا سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. باشقا ئىككى دېلودا بولسا، نېتانياھۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئىككى چوڭ تاراتقۇ بىلەن ئۆزى ھەققىدە ئىجابىي خەۋەرلەرنى تارقىتىش توغرىسىدا سودىلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. نېتانياھۇ بولسا، بارلىق ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.
ئامېرىكانىڭ جىنايەتكە شېرىكچىلىكى
نېتانياھۇ يەنە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بىلەنمۇ ئەيىبلەنمەكتە. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2024-يىلى نويابىردا غەززەدىكى قەتلىئاملار سەۋەبىدىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان. پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 56 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمى رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان.
تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ بومباردىماندا ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىرى ئاستىدا قالغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بىراق، مۇتەخەسسىسلەر غەززە دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ساننىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ھەقىقىي ئۆلۈم سانىنىڭ 200 مىڭغا يېقىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئىسرائىلىيە يەنە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن سوتلانماقتا.
ۋاشىنگتون ئۇزۇندىن بۇيان ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىسرائىلىيەگە ھەر يىلى 3 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىپ كەلمەكتە. 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئامېرىكا غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇشلارنى قوللاش ئۈچۈن 22 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتتى.
گەرچە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ۋاشىنگتون ھازىرغا قەدەر ئىسرائىلىيەگە يەتكۈزۈلىدىغان قورال-ياراغلارغا شەرت قويۇش توغرىسىدىكى ھېچقانداق تەكلىپنى قوبۇل قىلمىدى.