شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى — KCNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ «ئالتۇن گۈمبەز» باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە سىستېمىسى پىلانىنى «ئىنتايىن خەتەرلىك تەھدىت پەيدا قىلىش ئۇرۇنۇشى» دەپ تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى «ئالتۇن گۈمبەز» سىستېمىسى ئۈچۈن بىر لايىھە تاللىغانلىقىنى ۋە بىر كىشىنى 175 مىليارد دوللارلىق بۇ ئۇلۇغۋار پىلانغا نازارەتچىلىك قىلىدىغان رەھبەر قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئامېرىكا تەتقىقات ئورنى سەيشەنبە كۈنى بۇ پىلاننى تەسۋىرلەپ: «‹ئالتۇن گۈمبەز› پىلانى ‹ئالدى بىلەن ئامېرىكا› ئىدىيەسىنىڭ تىپىك مەھسۇلىدۇر. بۇ ئۆز مەپتۇنلۇق، تەكەببۇرلۇق، زورلۇق ۋە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھەمدە بىر يادرو ئۇرۇشى پىلانىدۇر» دېدى.
«ئالتۇن گۈمبەز» پىلانى ئىلغار سېنزورلار (سەزگۈلەر) ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ھاۋادىلا تۇتۇپ يوقىتىدىغان تورىغۇچىلار سەپلەنگەن يۈزلىگەن سۈنئىي ھەمراھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يەرشارىۋى تور ئىشلىتىش سىستېمىسى بولۇپ، بۇ سىستېما خىتاي، ئىران، شىمالىي كورېيە ياكى رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئېتىلغان دۈشمەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېتىلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي بايقاپ، يوقىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.
خىتاي ئۆتكەن ھەپتە بۇ پىلانغا قەتئىي قارشى چىقىپ، «قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن ۋە ۋاشىنگتوننى بۇ سىستېمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرغانىدى.