ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى باشلىقى جېروم پوۋېلنىڭ «دەرھال ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكى»نى بىلدۈردى.
ترامپ «Truth Social» سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، فېدېراتسىيە كۈتۈنۈش-تۇرالغۇ مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام پۇلتېنىڭ كونگرە (ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى)نى پوۋېل ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغانلىقى ھەققىدىكى بىر خەۋەر ماقالىسىنى ھەمبەھرىلىدى.
ترامپ پۇلتېنىڭ چاقىرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بلۇمبېرگ خەۋىرىگە ئىشارەت قىلغان ۋە پوۋېلنىڭ تەخەللۇسىنىمۇ ئىشلەتكەن ھالدا: «‹بەك كېچىكتى›، دەرھال ئىستېپا بېرىشى كېرەك!!!» دەپ يازدى.
پۇلتې باياناتىدا، پوۋېلنىڭ «سىياسىي بىر تەرەپلىمىلىك» ۋە «كېڭەش پالاتاسى يىغىنىدىكى قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرلىك سۆزلىرى»نىڭ كونگرە تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
پۇلتې پوۋېلنى فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى باش ئىشتابىنىڭ 2 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيىتى ۋە چىقىمى توغرىسىدا يالغان سۆزلەش بىلەن ئەيىبلەپ، بۇنىڭغا سۇيىئىستېمالنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئۈلگىسى، دەپ باھا بەرگەنىدى.
پوۋېل ترامپ تەرىپىدىن تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ترامپتىن كېيىن پىرېزىدېنت بولغان جو بايدىن بولسا، پوۋېلنى ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچۈن نامزات كۆرسەتتى.
ترامپ پوۋېلنى بولۇپمۇ «ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى كېچىكتۈرگەنلىكى»نى سەۋەب كۆرسىتىپ، كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغانىدى.