كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي، كانادانىڭ ئامېرىكا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدىن باج ئېلىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا بىلەن توختاپ قالغان سودا سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن جۈمە كۈنى كانادانىڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدىن باج ئېلىش پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا «دۆلىتىمىزگە قىلىنغان بىۋاسىتە ۋە ئاشكارا ھۇجۇم» دەپ باھا بېرىپ، سودا سۆھبىتىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
كانادا ھۆكۈمىتى، بىر سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، «كانادانىڭ رەقەملىك مۇلازىمەت بېجىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.
باش مىنىستىر كارنىينىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، كارنىي بىلەن ترامپنىڭ سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى قەيت قىلدى.
ترامپ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن يازمىسىدا، كانادانىڭ ئامېرىكاغا رەقەملىك مۇلازىمەت بېجىنى يۈرگۈزۈش پىلانىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇ باج، كانادادىكى تور ئىشلەتكۈچىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان يەرلىك ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىغا قارىتىلغان ئىدى.
مەزكۇر باجنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشى پىلانلانماقتا ئىدى.