رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى ئودېسسا رايونىغا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 14 كىشى يارىلاندى. يەرلىك دائىرىلەر يارىلانغانلار ئارىسىدا كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.
موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.
ئودېسسا ۋالىيسى ئولېگ كىپېر تېلېگرام ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى دۈشمەننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئولتۇراق بىناسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىككى كىشىنىڭ جەسىدىنى خارابىلىك ئاستىدىن چىقاردى» دېدى.
كېچىسى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا يەنە 14 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن كىپېر: «ئۇلارنىڭ ئۈچى كىچىك بالىلار ئىدى» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
چېرۋونا زىركانىڭ كونتروللۇقى
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى خېرسون رايونى دائىرىلىرى رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خېرسون ۋالىيسى ئولېكساندىر پروكۇدىن تېلېگرام ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «رۇسىيە قىسىملىرى رايوندىكى مۇھىم ۋە ئىجتىمائىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋە ئولتۇراق رايونلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى» دېدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېتسىك رايونىغا جايلاشقان چېرۋونا زىركا رايونىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۇچۇر رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.
تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە رۇسىيە ئۇكرائىنادىن تېخىمۇ كۆپ زېمىنىدىن ۋاز كېچىشنى ۋە غەربنىڭ ھەربىي ياردىمىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇكرائىنا بولسا بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
