170 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە قوللاۋاتقان يېمەكلىك ياردىمى تارقىتىش پىلانىنىڭ پۇقرالارنى ئۆلۈم ۋە يارىلىنىش خەۋپىگە دۇچار قىلىۋاتقانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، بۇ پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
غەززەدىكى سەھىيە مەسئۇللىرىنىىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى (GHF) ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا پائالىيەت باشلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ياردەم تارقىتىش مەركەزلىرى ياكى توشۇش لىنىيەلىرىگە يېقىن جايلاردا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملاردا 500 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ياردەملەرنى غەززەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ خۇسۇسىي بىخەتەرلىك ۋە ئەشيا ئوبوروتى شىركەتلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقان غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى، ئىسرائىلىيەنىڭ «قوراللىق ئۇنسۇرلار ياردەملەرنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋەتتى» دېگەن دەۋاسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) يېتەكچىلىكىدىكى سىستېمىنى زور دەرىجىدە چەتكە قاقماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولسا بۇ پىلاننى «تۈپتىن بىخەتەر ئەمەس» ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك بىتەرەپلىك قائىدىسىگە خىلاپ دەپ تەنقىد قىلماقتا.
سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن جەنۋەدە ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، 171 ياردەم ئورگىنى دۆلەتلەرنى ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ، غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى پىلانىنى توختىتىشقا ۋە ياردەملەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق ماسلاشتۇرۇلۇشىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى.
باياناتتا: «غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەر قىيىن بىر تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە. ئۇلار ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن يېمەكلىك تېپىشقا تىرىشىش جەريانىدا يا ئاچ قالىدۇ ياكى ئوق تېگىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىدۇ» دېيىلدى.
باياناتقا ئىمزا قويغان تەشكىلاتلار ئىچىدە ئوكسفام، چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى، نورۋېگىيە مۇساپىرلار كېڭىشى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىقلارمۇ بار.
ئاچارچىلىققا دۇچار بولغان پۇقرالار خەتەرلىك رايونلاردىن ئۆتمەكتە
غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى بەش ھەپتە ئىچىدە 52 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە يېتەرلىك تاماق تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم گۇرۇپپىلىرىنىڭ «ياردەملىرىنىڭ دېگۈدەك ھەممىسىنىڭ تالان-تاراج قىلىنغانلىقىنى» بىلدۈردى.
غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا: «بىر چەتتە تۇرۇپ تالاش-تارتىش قىلىش ۋە ھاقارەتلەشنىڭ ئورنىغا، باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم گۇرۇپپىلىرىنى بىزگە قوشۇلۇپ، غەززەدىكى كىشىلەرنى تويغۇزۇشقا تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.
ئاممىۋى تەشكىلاتلار غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندىنى ئاچ ۋە ئاجىز كىشىلەرنى بەزىدە ئاكتىپ توقۇنۇش رايونلىرىدىن ئۆتۈپ، سائەتلەپ يول مېڭىشقا مەجبۇرلاش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، غەززەدىكى ياردەم تارقىتىش مەركەزلىرىدە پەلەستىنلىك پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە «ئېلىنغان ساۋاقلار» غا ئاساسەن يېڭى يوليورۇقلارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈگەن ئىدى.
