ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ھىندىستاننىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى
پاكىستان كەشىمىردە ھىندىستاننىڭ «رافالە» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.
پاكىستان ھىندىستاننىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى
/ Public domain
8 maggio 2025

پاكىستان كەشىمىردە ھاۋا توقۇنۇشىدا ھىندىستاننىڭ «رافالە» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.

فىرانسىيە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارى «‹CNN› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، فىرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھىندىستان بىلەن كېچە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا بىردىن كۆپ «رافالە» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى پاكىستاننىڭ تۈن بويى قوشنىسى ھەم رەقىبى ھىندىستان بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ھىندىستانغا تەۋە بىر «رافالە» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ فىرانسىيەدە ياسالغان ئىلغار ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇرۇشتا ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، فىرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ پاكىستان تەرەپتىن تۈن بويى بىردىن كۆپ «رافالە» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ياكى چۈشۈرۈلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

پاكىستان چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدا ياسالغان «J-10C» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ھىندىستاننىڭ 3 ى «رافالە» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بولۇپ، جەمئىي 5 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. 

«‹ The New York Times› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈچ ئەمەلدار يەرلىك دوكلاتلار ۋە شاھىتلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ھىندىستان ۋە ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشىمىردە «كەم دېگەندە ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى» نىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

تور بېكەتلىرىدە تارقىتىلغان سۈرەتلەردە، ھىندىستاننىڭ پاكىستان چېگراسىدىكى پەنجاب ئۆلكىسىدىكى باتھىندا رايونىغا جايلاشقان بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا «رافالە» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قۇيرۇق قىسمى ۋە كونتىرول پارچىلىرى كۆرۈلىدۇ. قالدۇقلاردىكى «BS-001»  رەت نومۇرى بۇنىڭ «Rafale EH» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

پاكىستان ئارمىيەسى ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى ۋە كەشىمىرنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن چېگرا ھالقىغان توقۇنۇشلار جەريانىدا كەم دېگەندە 31 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 57 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشىمىرنىڭ پاخالگام رايونىدا 22-ئاپرېل كۈنى قوراللىق كىشىلەر تەرپىدىن 26 پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى.

ھىندىستان ھېچقانداق ئاممىۋى دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمەي تۇرۇپ، ھۇجۇمچىلارغا «چېگرادىن ھالقىپ ياردەم بېرىلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ دەرھال پاكىستاننى ئەيىبلىدى. ئىسلامئاباد بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئادىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى قىلدى.

 پاكىستاننىڭ ھىندىستانغا قايتۇرغان ئىنكاسى: بىزدىن ھىندىستانغا جاۋاب

 ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشىمىردە قازا يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەردە، فىرانسىيەدە ياسالغان ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ئۈستىدە ماركا بەلگىسى كۆرۈلىدۇ. 

مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر ئايروپىلان قالدۇقلىرىنىڭ «رافالە» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانغا تەۋە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياج بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. 

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ھىندىستاننىڭ 5 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى «بىزدىن ھىندىستانغا جاۋاب» سۈپىتىدە ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:   

«ئارمىيەمىز زوراۋانلىرىمىز ۋە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئايروپىلانلىرىنى يوق قىلدى.»  

شېرىف چارشەنبە كۈنى سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇتىقىدا، ھىندىستانىڭ پاكىستانغا ھۇجۇم قىلىپ خاتا قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. 

ئۇ، پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، پاكىستاننىڭ تالاش - تارتىشلىق كەشىمىر رايونىدىكى چېگرادىن ھەم ھاۋا ھەم قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق پاچاقلاپ تاشلانغان ئايروپىلانلار ئىچىدە كەم دېگەندە  فىرانسىيەدە ئىشلەنگەن «رافالە» ناملىق 3 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«پاكىستان خەلقى ئۇلۇغۋار نىشانلىرى بار باتۇر مىللەت بولۇپ، دۆلىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ. جۈملىدىن دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن تاكى ئاخىرقى بىر تامچە قېنى قالغۇچە كۈرەش ھەم ئۇرۇش قىلىدۇ.»

 كۆپ ئىقتىدارلىق كۈرەشچى ئايروپىلان

 فىرانسىيە ئاۋىياتسىيە ۋە مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Dassault Aviation ئېنىقلىما بېرىش تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇرمىدى. 

فىرانسىيە ئارمىيەسىمۇ رەسمىي بايانات ئېلان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. لېكىن فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئەسى دائىرىلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھىندىستان 2016-يىلى فىرانسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، 36 دانە «رافالە» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋالغان، بۇ ئارقىلىق رايون جىددىيچىلىكى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە كونىراپ كەتكەن ئايروپىلانلىرىنى يېڭىلاشنى نىشان قىلغانىدى.

قوش موتورلۇق رېئاكتىپ ئايروپىلان ھەم ھاۋادىن ھاۋاغا جەڭ قىلالايدىغان ھەم ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىقتىدارلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

كەشىمىر چېگراسىدىكى ۋەزىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە، «رافالە» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىك خەۋىرى پەقەت جەنۇبىي ئاسىيا ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مۇھىم مۇداپىئە ھەمراھلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىخەتەرلىك پىلانلار ئۈچۈنمۇ يېڭى خەۋپ-خەتەرلەرنى تۇغدۇرماقتا. 

6-ماينى 7 – مايغا تۇتاشتۇرغان كېچىسى يۈز بەرگەن ھۇجۇم ھەققىدە توختالغان ھىندىستان دائىرىلىرى، يېڭى دېھلىنىڭ «چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us