ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۆمەروف سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ «ئىجابىي ۋە ئەھمىيەتلىك» ئىكەنلىكىنى، سۆھبەتنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى مەركەز قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدىكى ئۇچۇرىدا: «بىز مۇھىم مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۆمەروف ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە بىلەن بولغان ئۈچ يىللىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن باشلىغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان سۆھبەتكە قاتناشتى.
ئامېرىكانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف (Steve Witkoff) ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۈچ يىللىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەكشەنبە كۈنى (2025-يىلى 23-مارت) فوكس خەۋەرلىرى (Fox News) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «مەن ئۇنىڭ تىنچلىقنى خالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. دۈشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەقىقىي ئىلگىرىلەشلەرنى كۆرىسىز، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قارا دېڭىزدىكى پاراخوتلار ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا. كېيىنچە بۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، پۈتۈنلەي ئۇرۇش توختىتىشقا قاراپ ئىلگىرىلەشنى كۆرىمىز» دېگەن ئىدى.
ئامېرىكا - ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى يەكشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھىرىدە رۇسىيە بىلەن قىسمەن ئۇرۇش توختىتىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. رۇسىيە ۋەكىللىرى ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن دۈشەنبە كۈنى (24-مارت) رىيادتا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
پۇتىن ئالدىنقى ھەپتە ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا قوشۇلغان، ئەمما ترامپنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان 30 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى تولۇق تەستىقلاشنى رەت قىلغان ئىدى. ئۇكرائىنا بولسا، ترامپنىڭ 30 كۈنلۈك تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.