پاكىستانلىق ئەمەلدارلار ۋە يەرلىك تاراتقۇلار، ھىندىستاننىڭ پاكىستانغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا سەككىز كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، 35 كىشىنىڭ يارىلىنىشى ۋە ئىككى كىشىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىدىن كېيىن، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە بەش ئۇرۇش ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاۋاجا ئاسىف، چارشەنبە كۈنى بەش ھىندىستان ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئاسىف بلۇمبېرگ قانىلىغا: «ئەگەر ھەربىي ھۇجۇملار توختىتىلسا... بىز ھىندىستان بىلەن سۆزلىشىمىز. بىز بۇ ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى خالىمايمىز. ئەگەر ھىندىستان دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، بىز چوقۇم جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇرمىز» دېدى.
پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى، گېنېرال لېيتېنانت ئەھمەد شەرىف چاۋدرى، رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، پاكىستاننىڭ ھىندىستان ئىشلەتكەن ئۈچ «رافال» (Rafale) تىپلىق ئايروپىلان، بىر «سۇخوي سۇ-30» (Sukhoi SU-30) ۋە بىر «مىگ-29» (MIG-29) تىپلىق ئايروپىلاننى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ھىندىستان ھۆكۈمەت مەنبەلىرى، رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئۈچ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى.
بىر ھىندىستانلىق ئەمەلدار، يارىلانغان بىر ئۇچقۇچىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پاكىستان ئۇچۇر مىنىستىرى ئاتائۇللاھ تارار «TRT World» قانىلىغا قىلغان سۆزىدە، تالاش-تارتىشلىق كەشمىردىكى ئاخنور رايونىدا بىر ئايروپىلاننىڭ، ھىندىستاننىڭ ئامبالا شەھىرىدە يەنە بىر ئايروپىلاننىڭ ۋە ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ جاممۇ رايونىدا بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى، بەزى ھىندىستان مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭمۇ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھىندىستان، پاكىستاننىڭ بۇ دەۋالىرىغا ھازىرچە ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى.
ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردىكى يەرلىك ئاھالىلەر كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى ۋە چۈشكەن ئوق-دورا پارچىلىرى كۆرسىتىلگەن سىنلارنى ھەمبەھرىلىدى.
ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ پۇلۋاما رايونىنىڭ ۋۇيان دېگەن يېرىدە چۈشۈپ كەتكەن بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى قوغداۋاتقان ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.
پاھالگام ھۇجۇمىنىڭ ئەكس سادالىرى
يادرو قورالىغا ئىگە بۇ ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك، 22-ئاپرېل ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە گۇمانلىق قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 26 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
ھىندىستان، ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمەيلا بۇ ھۇجۇم ئۈچۈن پاكىستاننى ئەيىبلەپ، «چېگرا ھالقىغان» ئالاقىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پاكىستان بۇ ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلىپ، بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ھىندىستان بولسا بۇ چاقىرىقنى قوللىمىدى.
كەشمىر، 1947-يىلىدىن بۇيان ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىختىلاپنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلمەكتە. ھەر ئىككى دۆلەت رايوننىڭ پۈتۈن زېمىنىغا ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى دەۋا قىلماقتا، ئەمما پەقەت بىر قىسمىنىلا كونترول قىلماقتا.
ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە قوزغىلاڭچىلار 1989-يىلىدىن بۇيان قارشىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. مۇسۇلمان كەشمىرلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى قوزغىلاڭچىلارنىڭ مۇستەقىل بولۇش ياكى پاكىستانغا قوشۇلۇش نىشانىنى قوللايدۇ.
ھىندىستان قوشنىسى پاكىستاننى دائىم دېگۈدەك قوزغىلاڭنى قوللاۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەيدۇ. پاكىستان بولسا پەقەت كەشمىرلىكلەرگە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىدا ئېتىراپ قىلىنغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دائىرىسىدە سىياسىي، ئەخلاقىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھىندىستان بۇ كىچىك ھىمالايا رايونىغا تەخمىنەن 500 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان.
پاھالگام ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىر قاتار ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى.
ھىندىستان، پاكىستان بىلەن تۈزۈلگەن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە «ئىندۇس سۈيى كېلىشىمى»نى توختىتىپ قويدى ۋە بىردىنبىر ئوچۇق بولغان قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىنى تاقىدى. يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغان شەكىلدە پاكىستان پۇقرالىرىغا بېرىلگەن ۋىزالارنى بىكار قىلدى.
پاكىستان بولسا، بۇنىڭغا جاۋابەن ھىندىستان پۇقرالىرىغا بېرىلگەن ۋىزالارنى بىكار قىلدى، ھاۋا بوشلۇقىنى ھىندىستان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە تاقىدى، قوشنىسى بىلەن بولغان سودىنى توختاتتى ۋە ھىندىستان بىلەن تۈزۈلگەن «شىملە كېلىشىمى»نى توڭلاتتى.
1972-يىلىدىكى بۇ كېلىشىم، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە بولۇپمۇ كەشمىر ئىختىلاپىنى ئاساس قىلىپ، زىددىيەتلەرنى ئىككى تەرەپلىك ھەل قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەنىدى.