ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لاممى ئەنقەرەدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ رايوندىكى مۇھىم رولىنى يۇقىرى باھالىدى.
لاممى دۈشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى تىلغا ئېلىپ، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ دائىملىق دىيالوگ، ئىستراتېگىيەلىك بىرلىك ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت رىشتىلىرى ئاساسىدا قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ: «مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بۇ 12 ئاي جەريانىدا، مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن ھەر ئايدا دېگۈدەك كۆرۈشۈپ ياكى سۆزلىشىپ تۇردۇم، ھەتتا كۆپىنچە ھاللاردا بىر ئايدا بىر نەچچە قېتىم ئالاقىلەشتۇق.» دېيىش ئارقىلىق بۈيۈك بىرىتانىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى گەۋدىلەندۈردى.
لاممى بۇ يىل تۈركىيەگە ساياھەت قىلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بەش مىليونغا يېقىن ئەنگلىيە پۇقراسىنى ۋە ئەنگلىيەدىكى تۈركچە سۆزلىشىدىغان جامائەتنى مىسالغا ئېلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق سودا ھەجىمىنى 28 مىليارد سىتېرلىڭ (38.4 مىليارد دوللار) غا يەتكۈزىدىغان يېڭى ئەركىن سودا كېلىشىمى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيە سانائىتى ۋە سودا ساھەسىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا ئەنگلىيەدە بازا تىكلەپ، ھەمكارلىق ئورنىتىشى، بۇ كۈچلۈك سودا مۇناسىۋىتىنىڭ جانلىق ئىپادىسىدۇر» دېدى.
تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا، غەززە ۋە سۈرىيەدىكى رولى
لاممى تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ماختاپ، ئەنقەرەنىڭ قارا دېڭىز رايونىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كۆپچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ئۇ ئۇكرائىنالىق پۇقرالار ۋە رۇسىيە ھەربىيلىرىنىڭ ئۇچراۋاتقان تالاپەتلىرىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيەنىڭ تىنچلىقنى ئورنىتىش ۋە زور تالاپەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.
لاممى غەززە مەسىلىسىدە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا بولغان ئورتاق ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ، «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش» پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئۇ يەنە سۈرىيە مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى دەلىللەپ، ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداش يولىدىكى ھەمكارلىقىنى يۇقىرى باھالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «بىزنىڭ ئىنتايىن قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمىز بار. ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسى ئايلاردا ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن گېئوسىياسىي ۋەزىيەتتە تېخىمۇ كۆپ ساھەدە ھەمكارلاشقانلىقىنى كۆرىسىلەر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.