ھىندىستان قىسىملىرى «توپىلاڭچىلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت» داۋامىدا نەچچە ئونلىغان ماۋچىنى ئۆلتۈردى.
ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستاندا ئالاھىدە قىسىملار چارشەنبە كۈنى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا كەم دېگەندە 25 ماۋچى توپىلاڭچىنى ئۆلتۈرگەن.
ھىندىستان 1967-يىلى باشلانغان، ئەسەبىي سولچىل، ماۋچى ناكسالىت ئىسيانىنىڭ ئاخىرقى قورغانلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بىر چاغلاردا كۆپلىگەن ناكسالىت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئاساسلىق بازىسى بولغان كاررېگۇتتالۇ ئېگىزلىكلىرى قورال-ياراغ تارقىتىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنىدى.
ناكسالىتلار شۇ جايدىكى قەبىلىلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇ گۇرۇپپىنىڭ 2000-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە 20 مىڭغا يېقىن جەڭچىگە قوماندانلىق قىلغانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى كونترول قىلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
چاتتىسگارھ ئۆلكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى ۋىۋېكاناند سىنھا فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) غا بەرگەن باياناتىدا: «توقۇنۇشتا 25 تىن ئارتۇق ماۋچى ئۆلتۈرۈلدى» دېدى.

Indian security forces in Chhattisgarh engaged in a gunfight with a Maoist group in Sukma, killing at least 16 rebels.
«ناكسالىزمنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلاش»
توقۇنۇش چاتتىسگارھ ئۆلكىسىنىڭ نارايانپۇر رايونىدىكى قويۇق ئورمانلىقتا، يەنى ئۇزۇندىن بۇيان ماۋچىلارنىڭ قورغىنى دەپ تونۇلغان بىر جايدا يۈز بەردى.
سىنھا قوراللىق توقۇنۇشنىڭ ساقچىلارنىڭ رايوندا «ماۋچىلارنىڭ كاتتىباشلىرى» نىڭ بارلىقى ھەققىدا ئاخبارات تاپشۇرۇۋېلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
لېكىن سىنھا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىملىكىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «جەسەتلەرنىڭ كىملىكى تېخى ئېنىقلانمىدى» دېدى.
ساقچىلار مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ئىلگىرى مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك بىر تۆپىلىكنى ئىگىلەش مەقسىتىدە ئۇدا 3 ھەپتە داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 31 ماۋچى توپىلاڭچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.
ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستان قىسىملىرىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 400 دىن ئارتۇق توپىلاڭچى ئۆلتۈرۈلگەن.