فىلىپپىن ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەلىرى دۈشەنبە كۈنى (2025-يىلى 31-مارت) بىرلەشمە مانېۋىرلارنى باشلىدى. مانىلا ھەربىي دائىرىلىرى: «بۇ مانېۋىرلار ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆزئارا ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ۋە <ئىستراتېگىيەلىك توسۇش> نى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېدى.
بۇ مانېۋىرلار بېيجىڭ بىلەن مانىلا ئوتتۇرىسىدىكى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش رايونلىرى ئۈستىدىكى بىر نەچچە ئايلىق قارشىلىشىشلاردىن كېيىن باشلاندى. ئاپرېل (2025) نىڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى ئامېرىكا-فىلىپپىن ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز مانېۋىرلىرىنىڭ پىلانلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
فىلىپپىن ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى ئارتۇر كوردۇرا دۈشەنبە كۈنى مانېۋىرلارنى باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى:
«جەڭ تەييارلىقنى كۈچەيتىش ۋە بىرلەشمە ۋەزىپە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش < Cope Thunder >مانېۋىرىنىڭ مەركىزى بولىدۇ.»
فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەر، 2022-يىلى فېردىناند ماركوس (Ferdinand Marcos) فىلىپپىندە پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن بېرى چوڭقۇرلاشتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە فىلىپپىنغا «F-16» ئايروپىلانلىرىنى سېتىش توغرىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتتىن بېرى مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىۋاتقان كېلىشىمنى تەستىقلىدى، بىراق مانىلا بۇ كېلىشىمنىڭ «ھېلىھەم سۆھبەت باسقۇچىدا» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكالىق مايور گېنېرال كرىستوفېر شېپپارد (Christopher Sheppard) دۈشەنبە كۈنكى مۇراسىمدا سۆز قىلىپ: «بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىزنىڭ سۈرئىتى تېزلەشمەكتە» دېدى.

Washington and Manila have longstanding ties, solidified by a mutual defence treaty, and the Philippines has granted the US military access to its bases.
تەيۋەنگە يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرلار
«Cope Thunder» مانېۋىرى 18-ئاپرېل (2025) غىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، فىلىپپىن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مانېۋىر «ئاسىممېترىك جەڭ قېبىلىيىتى» نى، ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۆزئارا ماسلىشىشنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك چەكلەشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
فىلىپپىن ھاۋا ئارمىيەسى يەنە: «كەلگۈسىدە بىز <Balikatan> مانېۋىرىغا يۇقىرى دەرىجىدە ماسلىشىشنى، بۇ مانېۋىر ئارقىلىق بىزنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنىڭ چەك-چېگرالىرىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.
«Balikatan» نىڭ پىلانلانغان مانېۋىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە ئوخشاش، «Cope Thunder» مانېۋىرىمۇ فىلىپپىننىڭ تەيۋەنگە ئەڭ يېقىن بولغان شىمالىي لۇزون ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تەيۋەننى ئايروپىلان ۋە پاراخوتلار بىلەن قورشاپ، سۈنئىي قامال تەقلىدى ياراتقاندا، فىلىپپىن ھەربىي ئەمەلدارى رومېيو بىراۋنېر (Romeo Brawner): »ئەگەر بۇ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان ئارالغا تاجاۋۇز قىلىنسا، دۆلىتىمىز <چوقۇم> بۇ ئىشقا ئارىلىشىدۇ« دەپ ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي تەيۋەننى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ ۋە زورلۇق بىلەن بۇ جاينى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلدى.
مانىلا ھۆكۈمىتى بىراۋنېرنىڭ سۆزلىرى ئاساسلىقى تەيۋەندىكى فىلىپپىنلىق ئىشچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش تىرىشچانلىقىغا قارىتىلغان دەپ چۈشەنچە بەردى. بىراق، ۋاشىنگتون بىلەن مانىلا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «كۈچەيتىلگەن مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى»، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىغا فىلىپپىندىكى توققۇز بازىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى تەيۋەندىن تەخمىنەن 400 كىلومېتىر (250 مىل) يىراقلىقتىكى كاگاياننىڭ سانتائانا رايونىدىكى دېڭىز ھەربىي بازىسىدۇر.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتې خېگسېت (Pete Hegseth) يېقىندا ئەمەلگە ئاشۇرغان مانىلا زىيارىتىدە، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ئارال دۆلىتى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى «داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقى» نى ئېيتتى.
ئۇ 28-مارت: «چەكلەش دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە زۆرۈر، لېكىن بولۇپمۇ بۇ رايوندا، سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلاردا، كوممۇنىستىك خىتاينىڭ تەھدىتىنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ تېخىمۇ مۇھىم» دېدى.
فلىپپىن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى رامكىسىدا تۇنجى قېتىملىق مانېۋىر 1951-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

The triangular chain of reefs and rocks is 240 kilometres west of the Philippines' main island of Luzon and nearly 900 kilometres from the nearest major Chinese land mass of Hainan.