ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
چېگرا ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتى: ئىسرائىلىيە غەززەنى «ئاممىۋى قەبرىستانلىق» قا ئايلاندۇرۇۋەتتى
چېگرا ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا پەلەستىنلىكلەر ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ۋە تېببىي خادىملار چەكلىك ئىمكانىيەتلەر ھەم قىيىن شەرت – شارائىتلار ئاستىدا بىمارلارنى داۋالاشقا تىرىشىۋاتقان غەززەنى «ئاممىۋى قەبرىستانلىق» دەپ ئاتىدى.
چېگرا ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتى: ئىسرائىلىيە غەززەنى «ئاممىۋى قەبرىستانلىق» قا ئايلاندۇرۇۋەتتى
Israel's blockade is worsening the medical crisis in Gaza’s hospitals. / Reuters
April 17, 2025

غازا «ئومۇم قەبرەستان»غا ئايلاندى، دېدى مېدىتسىنا خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى MSF چارشەنبە تېببىي خادىملار ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا كەم دېگەندە 13 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىدە ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، خەلقئارا تېببىي ياردەم تەشكىلاتى بولغان چېگرا ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ،   غەززەنىڭ پەلەستىنلىكلەر ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلار ئۈچۈن «ئاممىۋى قەبرىستانلىق» قا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

پەلەستىنلىك سەھىيە خادىملىرى بىر ھاۋا ھۇجۇمىدا 10 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇلار ئارىسىدا غەززە شەھىرىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇرۇش جەريانىدىكى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاب  - ئوقۇبەتلىرىنى ئەسەرلىرى بىلەن دەلىللەپ چىققان داڭلىق يازغۇچى ۋە فوتوگراف فاتىمە ھەسسۇنەنىڭمۇ بارلىقىنى، شۇنداقلا، شىمالدىكى باشقا بىر ئۆيگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۈچ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان  قىلمىدى.

يېقىنقى كۈنلەردە پۈتۈنلەي ئىسرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ شەھەردە تېخىمۇ كۆپ ئۆينى ۋەيران قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بۇنىڭ غەززەدىكى بىخەتەر رايونلارنى كېڭەيتىش ۋە ھاماسقا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىپ، قالغان تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

چېگرا ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ غەززەدىكى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى ۋاكالەتچىسى ئاماندې بازېروللې، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

 «ئىسرائىلىيە غەززەنى پەلەستىنلىكلەر ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلار ئۈچۈن <ئاممىۋى قەبرىستانلىق> قا ئايلاندۇرۇۋەتتى. بىز غەززەدىكى پۈتكۈل خەلقنىڭ ھەم يوق قىلىنىشى ھەم سۈرگۈن قىلىنىشىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز.

غەززەنىڭ پەلەستىنلىكلەر ياكى ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلار ئۈچۈن بىخەتەر جاي بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرى خەۋپ-خەتەر ۋە مۇھىم ماتېرىياللارنىڭ كەمچىللىكى ئاستىدا ئاساسىي جەھەتتىن توختاپ قالماقتا.  بۇ، خەلقنى ساغلاملىق مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشتە ئازغىنا تاللاشقا مەجبۇر قىلماقتا ياكى ھېچقانداق تاللاشسىز ئەھۋالدا قالدۇرماقتا.»

مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ غەززەدە قايتا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمەسلىكى سەۋەبىدىن نەتىجىسىز قالدى.

 ھاماس يانۋار ئېيىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىن چىكىنىشى ۋە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىككىنچى باسقۇچىغا ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن سەھىيە ئورگانلىرى دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ  ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا كەم دېگەندە 51 مىڭ پەلەستىنلىك قەتل قىلىنغان.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى يىلى نويابىر ئېيىدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.

 ئاساسلىق ئېھتىياجلىق بۇيۇملار

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان  قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ يىل مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان يېقىلغۇ، تىببىي ماتېرىياللار ۋە يېمەك - ئىچمەك بۇيۇملىرىنىڭ غەززەگە كىرىشىنى توختاتقانلىقىنى، شۇنداقلا تىببىي ماتېرىياللىرى تۈگەپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇشىغا قارىماي يەنىلا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ئاز ساندىكى دوختۇرخانىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«يۈزلىگەن بىمارلار ۋە يارىدارلار ئاساسلىق دورىلاردىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا، چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاقاق بولۇشى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ئازاب  - ئوقۇبەتلىرى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشماقتا.»

ئىسرائىلىيە بۇ جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ ھاماسقا بولغان بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. پەلەستىنلىك گۇرۇپپا بولسا بۇنى «ئومۇميۈزلۈك جازالاش تەدبىرلىرى» دەپ ئاتاپ ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىمەكتە.

غەززەدىكى سەھىيە ئورگانلىرى دائىرىلىرى، ئۇدا ئىككى ئاي داۋاملاشقان تىنچلىق باسقۇچىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ بۇ يىل مارت ئېيىدا ھۇجۇملىرىنى قايتا باشلىغاندىن بۇيان 1600 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى قەتل قىلغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇم دولقۇنىنىڭ يۈز مىڭلىغان كىشىنى ئۆي-ماكانسىز قالدۇرغانلىقىنى ۋە رايونغا كىرىدىغان ھەر خىل ياردەملەرنى پۈتۈنلەي تولۇق قامال قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھاماسنىڭ قولىدا 59 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر بولۇپ، ئىسرائىلىيە بۇلاردىن 24 نىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us