14 мај 2025
ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشىنى ۋاقىتلىق توختاتتى، تاموژنا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش باشلاندى.
چارشەنبە كۈنى (2025-يىلى 14-ماي) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تاموژنا باجلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۆۋەنلىتىدىغان سودا كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ كېلىشىم دۇنيا بازىرى ۋە خەلقئارالىق تەمىنلەش زەنجىرىنى لەرزىگە سالغان سودا ئۇرۇشىدا ۋاقىتلىق ئوت ئۆچۈرۈش پۇرسىتى ياراتتى.
ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرىدا جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن كېيىن، تاموژنا باجلىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشكە كېلىشتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى (13-ماي) فوكس خەۋەرلىرى (Fox News) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭ بىلەن خىتاي ئىقتىسادىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە «ئېچىش» نى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان «ئىنتايىن كۈچلۈك» سودا كېلىشىمى پىلانى ئۈستىدە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ترامپ پارس قولتۇقى ساياھىتىدە ئولتۇرغان «Air Force One» ئايروپىلانىدا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا: «بىز خىتاي بىلەن ئىنتايىن كۈچلۈك كېلىشىمنىڭ چېگراسىغا يەتتۇق. لېكىن كېلىشىمنىڭ ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان يېرى... خىتاينىڭ ئامېرىكا سودا دۇنياسىغا ئېچىلىشى. بىزنى ھەمدە خىتاينى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان نەرسە، بىزنىڭ خىتاي بازىرىنى ئېچىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىمىز بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

TRT Global - US, China pause trade war for 90 days, tariffs slashed down
🔗Both superpowers agree to “establish a mechanism to continue discussions about economic and trade relations”.
ئاسىيا ئاكسىيە بازارلىرى ئۆرلىدى
ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشىنى 90 كۈن ۋاقىتلىق توختىتىش توغرىسىدا كېلىشكەندىن كېيىن، ئاسىيا ئاكسىيە بازارلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۆسۈش كۆرۈلدى.
ياپونىيەنىڭ كۆرسەتكىچ ئىندېكسى نىككې پايچەكلىرى Nikkei 37,874.59 گە چۈشتى. ئاۋسترالىيەنىڭ «S&P/ASX 200» ئىندېكسى %0.1 تۆۋەنلەپ 8,260.40 گە چۈشتى.
جەنۇبىي كورېيەنىڭ «Kospi» ئىندېكسى %1.1 ئۆسۈپ 2,635.86 گە يەتتى. خوڭكوڭنىڭ «Hang Seng» ئىندېكسى %1.1 ئۆسۈپ 23,367.57 گە، شاڭخەي كومپوزىت ئىندېكسى %0.1 پايدا بىلەن 3,377.75 گە يەتتى.
خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئوت ئۈزۈشىنىڭ قانچىىلىك داۋاملىشىدىغانلىقى، كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا تاموژنا بېجىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە يۈزلىنىشى ھەققىدىكى مۇجىمەللىك سەۋەبىدىن ئوتتۇراھال يېنىكلەش ھېس قىلماقتا.
«Fitch Ratings» نىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى برىيان كولتون (Brian Coulton): «ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىمنىڭ بولماسلىقى، تاموژنا بېجى نىسبىتىنىڭ قەيەردە مۇقىملىشىدىغانلىقى ۋە ھازىر قويۇلۇۋاتقان تاموژنا باجلىرىنىڭ تەسىرى توغرىسىدىكى مۇجىمەللىك، ماكرو ئىقتىسادىي پەرەزلىرىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىللار بولۇپ قالىدۇ» دېدى.

TRT Global - Trump claims 'great progress' in US-China trade talks in Geneva
🔗US President said the meeting was very good and described it as a "total reset", negotiated in a friendly but constructive manner.