ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى مارشال ئاسىم مۇنىرنىڭ ھىندىستان بىلەن ئۇرۇش پارتلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم رولىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق جىددىيچىلىكلەر ۋە سودا كېلىشىمى ئىمكانىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ترامپ ۋاشىنگتوندىكى چۈشلۈك تاماق يىغىنىدىن كېيىن: «بۈگۈن مارشال ئاسىم مۇنىرنى كۈتۈۋېلىش بىز ئۈچۈن بىر شەرەپ ئىدى» دېدى.
بۇ ئۇچرىشىش مىنىستىرلار كابىنېتى زالىدا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.
ترامپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن ئۇنى ئۇرۇشنى توختاتقانلىقىنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە تەكلىپ قىلدىم. بىز يەنە پاكىستان بىلەن تۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان سودا كېلىشىمى ۋە ئىران ۋەزىيىتى قاتارلىق رايون مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق» دېدى.
ترامپ چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى رەقىبلەر ئارا توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ھەققىدىكى سۆزىنى تەكرارلاپ: «ئۇلار بىر-بىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا تەييارلانغان ئىدى، ھەر ئىككىلىسى يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت. مەن ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئۇرۇشنى توختىتىپ قالدىم» دېدى.
ترامپ ھەم مارشال مۇنىرنى، ھەم ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن تەرىپلىدى.
ئۇ: «مۇنىر پاكىستان تەرەپتە بۇ ئۇرۇشنى توختىتىشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى، مودى بولسا ھىندىستان تەرەپتە شۇنداق قىلدى» دېدى.
ئۇ يەنە: «مەن پاكىستاننى ياخشى كۆرىمەن. مودى ئاجايىپ بىر شەخس. تۈنۈگۈن كەچتە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتىم، بىز ھىندىستان بىلەن بىر سودا كېلىشىمى تۈزىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئاقساراي مۇئاۋىن ئاخبارات كاتىپى ئاننا كېللىي، يىغىننىڭ بىر سەۋەبىنىڭ مارشال مۇنىرنىڭ ئۆتكەن ئايدا «ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يادرو ئۇرۇشى» نىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن ترامپقا نوبېل مۇكاپاتى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كەشمىر ۋاسىتىچىلىقى
ئۆتكەن ئايدا مارشاللىق ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن مۇنىر، ھازىر پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى بولغان ئامېرىكاغا بەش كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن.
بۇ زىيارەت ئۆتكەن ئايدا ئىككى جەنۇبىي ئاسىيالىق قوشنىنى ئوچۇق توقۇنۇش گىرۋىكىگە ئېلىپ كەلگەن ھەربىي جىددىيلىكتىن كېيىنكى كۈچىيىۋاتقان سۈركىلىش جەريانىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا پاكىستانلىق ئامېرىكالىقلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىغا خىتاب قىلغان مۇنىر، ھىندىستاننى رايوندا «ھۆكۈمرانلىق» قوغلىشىشنىڭ ئورنىغا «مەدەنىي بىر دۆلەت» سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
ترامپ بىلەن مۇنىرنىڭ ئۇچرىشىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ دۇنيا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.
بۇ يەنە ترامپنىڭ يانۋاردا ئاقسارايغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيانقى ئىسلامئاباد بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ترامپ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «كەشمىر مەسىلىسى»نى ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋاسىتىچىلىك قىلىشنى قايتا-قايتا تەكلىپ قىلغان ئىدى.

لېكىن چارشەنبە كۈنى ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىكرام مىسرى، باش مىنىستىر نارېندرا مودىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە ترامپقا دېھلىنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان كەشمىر ماجراسىدا ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ۋاسىتىچىلىكىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاقسارايمۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ھىندىستاننىڭ 30 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشقانلىقىنى ئېيتقان ترامپ-مودى سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
ھىندىستانغا ئوخشىمايدىغىنى، پاكىستان ترامپنى ھىندىستان بىلەن ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن تەرىپلەپ، كەشمىر ماجراسىدا ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىگە ئىللىق قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.