«Axios» خەۋەرلەر تورىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ھەپتە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچىنى ئۇچراشتۇرۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئىران بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن پەيتتە تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلدى.
ئۇ مۇخبىرلارغا: «ئېنىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالدۇر قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم» دېدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ترامپ ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن پۇقرالارنى تېھراندىن دەرھال تارقاقلىشىشقا چاقىرغان ئىدى.
ترامپ «Truth Social» ئىجتىمائىي سۇپىسىدا: «ئىران، مەن ئۇلارغا ئىمزالاشنى ئېيتقان كېلىشىمنى ئىمزالىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى نابۇت بولۇپ كەتتى. مەن ئېنىق قىلىپ ئېيتىمەنكى، ئىران يادرو قورالىغا ئىگە بولالمايدۇ! مەن بۇنى قايتا-قايتا ئېيتتىم!» دېدى. ئۇ يەنە: «ھەممە دەرھال تېھراندىن تارقاقلاشسۇن!» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن نىشانلارغا ماس قەدەملىك ھاۋا ھۇجۇمى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى قىلىشى بىلەن جىددىيچىلىك يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۇ ھۇجۇملار تېھراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى قوزغىشىغا سەۋەب بولدى.