ئەسەد تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشىدىن جەنۇبىي سۈرىيەدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقان ئىسرائىلىيە، بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ سىياسىي ھەم بىخەتەرلىك مەنزىرىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىماقتا. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئېشىۋاتقان رولىنى تەڭشەشكە ھەمدە بىرلىككە كەلگەن سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇشقا تىرىشماقتا.
بەششار ئەسەد تۈزۈمىنىڭ 2024-يىلى 8-دېكابىردا يىمىرىلىشى بىلەن سۈرىيەدە چوڭ بىر ئۆزگىرىش باشلاندى — ئىسرائىلىيە بۇنى كىرىزىس ئەمەس، بەلكى رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنزىرىسىنى ئۆز پايدىسىغا قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارىماقتا.
بۇ ۋەزىيەتكە جاۋابەن، ئىسرائىلىيە ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك ئاساسىي نۇقتىسىدىن ھالقىپ، سۈرىيە سىياسىتىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، پەقەت تونۇشلۇق بولغان «بىز بىلىدىغان شەيتان» ۋەزىيىتىنى يوقىتىپلا قالماستىن، بەلكى يېڭى نامەلۇملۇقلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى — بۇلارنىڭ ئىچىدە، تۈركىيە ۋە غەرب بىلەن ماسلىشىش ئېھتىمالى بولغان بىر رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلىنغان گولان ئېگىزلىكلىرىدىكى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك سەۋەبلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە بارغانسېرى پارچىلانغان— ئېتنىك ۋە مەزھەپ لىنىيەلەر بويىچە بۆلۈنگەن — سۈرىيەگە باشقۇرغىلى بولىدىغان ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجە كەلتۈرىدىغان نۇقتا دەپ قارىماقتا. بىراق، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى بىلەن يېقىندا ئىمزالىغان كېلىشىمى، ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتىنى دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى، بۇ نىشانغا قارشى يېڭى بىر توسۇق شەكىللەندۈرمەكتە. دەمەشقنىڭ مىللىي بىرلىكنى قايتا ئورنىتىش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بۇ قەدەم، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بۆلۈنۈشلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى بۇزۇشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ، بۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ پارچىلانغان سۈرىيە سىياسىتىنى، ئامېرىكا قوللىغان بىر كۈچنى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، توسالغۇغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
دەمەشقنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى، تۈركىيە ۋە باشقا تەرەپلەر تەرىپىدىن يېتەكلەنگەن كەڭ دائىرىلىك رايونلۇق ئىتتىرگۈچى كۈچ بىلەن ماسلىشىدۇ — سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تىرىشچانلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ پارچىلانغان سۈرىيە نىشانىغا پۈتۈنلەي زىت كېلىدۇ.
لىۋان مىسالىنى تەكرارلاش: «ياخشى چىگرا»دىن «ياخشى قوشنا»غا
ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى ئۆزگىرىۋاتقان پوزىتسىيەسى، بارغانسېرى زېمىن مۇستەھكەملەش ئەندىزىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە ۋە جەنۇبىي سۈرىيەنىڭ «گولانلاشتۇرۇلۇشى» ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىماقتا — بۇ تارىخىي مىساللار ۋە ھازىرقى ئىستراتېگىيەلىك زۆرۈرىيەتلەر بىلەن شەكىللەنگەن بىر يۆنىلىش.
سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئاساسىي بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلار بولغان. «ئىلغار ئۇرۇشلار ئارا سەپەرۋەرلىك» )ئىبرانىچە-MABAM) ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە، تولۇق كۆلەملىك ئۇرۇش چېكىنىڭ تۆۋىنىدە نىشانلىق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان ۋە ھىزبۇللاھنىڭ تەمىنلەش لىنىيەلىرىنى كېسىش ۋە سۈرىيە ئىچىدە ئىلغار قورال سىستېمىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان.
ئەمما، ئىراننىڭ يۇمشاق كۈچىنىڭ تەسىرى ھەربىي ساھەدىن ھالقىپ — سۈرىيەنىڭ تۈزۈمىدە، ئىقتىسادىدا ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بۇ، ئىسرائىلىيە ئۈچۈن مۇرەككەپ بىر سىناق شەكىللەندۈرگەن ۋە بۇ ۋەزىيەتنى ئىستراتېگىيەلىك ئارىلىشىشلار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشقان.
ئىسرائىلىيەنىڭ پوزىتسىيە، تارىخىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ياخشى چىگرا سىياسىتى»دىن كەلگەن، بۇ 1976-يىلى لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىدا باشلانغان بىر ئىستراتېگىيە. بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي لىۋان ئارمىيەسى (SLA) دەپ ئاتالغان، ئاساسەن خىرىستىيان قوراللىق كۈچلەرنى بىۋاسىتە قوللىشى ئىدى؛ بۇ كۈچ، جەنۇبىي لىۋاندىكى ۋەكىل كۈچ سۈپىتىدە خىزمەت قىلدى. SLA، 2000-يىلى چېكىنگىچە، ئىسرائىلىيە ئۆزى بەلگىلىگەن بىخەتەرلىك رايونىدا بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
ئىسرائىلىيە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم نىقابى ئاستىدا، مېتۇلادىكى فاتىما دەرۋازىسى يېنىدا بولغىنىدەك، يەرلىك ئاھالىلەرنى مېدىتسىنا ياردىمى ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق چىگرا ھالقىپ مۇناسىۋەتلەرنى قۇردى. بۇ، پەقەت ئىسرائىلىيەنىڭ توقۇنۇش سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن بىخەتەرلىك ۋە ئىدارە قىلىش بوشلۇقىنى تولدۇرۇشىغا ياردەم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەرلىك ياخشى پوزىتسىيەنى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتتى.
ياخشى چىگرا سىياسىتى، دەسلەپتە ئىنسانپەرۋەر بىر تەشەببۇس رامكىسىدا كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي لىۋاندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەۋجۇتلۇقى، نەتىجىدە ھىزبۇللاھنىڭ كۈچىيىشىگە تۆھپە قوشتى — بۇ، سۈرىيەدىكى ھازىرقى ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن مۇھىم بىر ساۋاق بولۇپ تۇرماقتا.
بۇ رامكا ئىچىدە، ئىسرائىلىيە، بىخەتەرلىك ۋە سىياسىي مەنپەئەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقلىي كۈچتىن پايدىلىنىپ قوش باسقۇچلۇق يول تۇتتى. سۈرىيەنىڭ توقۇنۇش دىنامىكىسى بارغانسېرى لىۋاننىڭكىگە ئوخشاپ كېتىۋاتقاندا، ئىسرائىلىيە تونۇش تاكتىكىلارنى قايتىدىن يولغا قويدى، 2013-يىلى سۈرىيە ئىچىدە ئىنسانىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ تىرىشچانلىقلار 2016-يىلى «ياخشى قوشنا ھەرىكىتى»گە ئۆزگەردى.
بۇ تەشەببۇس ئاستىدا، ئىسرائىلىيە ئىنسانىي ۋە ھەربىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، قۇنەيتىرا، دەرئا ۋە سۇۋەيدا رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ساھەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارنى قوللاشقا تىرىشتى.
ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشان، بۇ رايونلاردا مەۋجۇتلۇقىنى تىكلەش ۋە سۈرىيە مىقياسىدا تېخىمۇ يولغا قويۇلىدىغان بىر مودېل شەكىللەندۈرۈش ئىدى. ئەمما، ئىنقىلابتىن بۇرۇن، بۇ پىلانلارنى توسىدىغان ئىككى ئاساسىي توسالغۇ بار ئىدى: ئۇلارنىڭ بىرى تۈركىيەنىڭ رايوندىكى كۈچيىۋاتقان تەسىرى، يەنە بىرى رۇسىيەنىڭ ئەسەد بىلەن بولغان ئىتتىپاقى ئىدى.
2017 -يىلى، رۇسىيەنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە، ئىسرائىلىيە ئەسەد تۈزۈمىنىڭ جەنۇبىي سۈرىيەگە قايتىشىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئىران قوللاۋاتقان كۈچلەرنىڭ كەم دېگەندە 80 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇتۇلۇشى بەدىلىگە، رايوندىكى مانېۋىر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ھالدا چەكلىگەن بولدى.
سۈرىيەنى پارچىلاش: ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبتىكى ئۇزۇن ئويۇنى
7 -ئۆكتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىنكى ۋەقەلەر، بىر رېئال ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ ئىسرائىلىيەنىڭ MABAM ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان ئۆز ئىچىگە ئېلىش-كېچىكتۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ھىزبۇللاھ ۋە رايوندىكى باشقا ئىران قوللاۋاتقان كۈچلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا توختىتالمىدى.
ئەسەد تۈزۈمىنىڭ تۇيۇقسىزلا يىمىرىلىشى ۋە رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ تەسىرىنىڭ ئازىيىشى، ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئىجابىي بىخەتەرلىك نەتىجىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قىيىنچىلىقلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى. ئەڭ ئېغىر ئەندىشە، يېڭى بىر سۈرىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر؛ تۈركىيە ۋە غەرب بىلەن ماسلاشقان، سۈرىيەنىڭ كۆپ سانلىق ئاھالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئىسرائىلىيەگە بىۋاسىتە ھەربىي تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر. بۇنداق بىر ھۆكۈمەت، ئىسرائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكلىرىدىكى داۋاملىشىۋاتقان ئىشغالىيىتى ئۈچۈن بىخەتەرلىك ئاساسىدىكى سەۋەبلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن.
بۇ خەتەرنى تونۇغان ئىسرائىلىيە تېز سۈرئەتتە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىيلىقىغا سوئال قويۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى — بۇنى «تېررورىست مەۋجۇتلۇق» دەپ سۈپەتلەش، بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى باھانىسى بىلەن مىراس قالغان ھەربىي ئاساسىي قۇرۇلۇشلارغا ھۇجۇملار قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇردى. زىددىيەتلىك ھالدا، ئىسرائىلىيە، زورىيىۋاتقان بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى ئاستىدا ئىشغال قىلىنغان گولاندىكى ئاھالىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىش پىلانلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يىللاردىن بېرى رايونغا مەبلەغ سېلىۋاتقان ئىسرائىلىيە، رۇسىيەنىڭ چېكىنىشىدىن پايدىلىنىپ 1974-يىلىدىكى چېكىنىش سىزىقىدىن ھالقىپ ئىشغالىيىتىنى كېڭەيتىپ، سۇغا باي دەرئاغا تەۋە رايونلارغا قاراپ كېڭەيمەكچى بولدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ 2013-يىلىدىن بۇيان ئىنسانىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئوخشاش زېمىنلار بولۇپ، بۇمۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك تەبىئىتىنى تەكىتلەيدۇ.
بۇ زېمىن كېڭەيتىشنىڭ رەسمىي باھانىسى ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى ۋە دۇرۇزلارنىڭ قوغدىلىشىدۇر. بىراق، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرى دەمەشققە ئېنىق بىر ئۇچۇر، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، جەنۇبتىكى كونتروللۇقنى قايتا ئورنىتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا كۈچ ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىدىن ئبىارەت بىر ئاگاھلاندۇرۇش يوللاۋاتىدۇ.
بۇ باسقۇچتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانى ئېنىق كۆرۈنۈۋاتىدۇ — ئۇ بولسىمۇ، كۈچلۈك، بىرلەشكەن بىر سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش — بۇ كەلگۈسىدە بىر بىخەتەرلىك تەھدىتى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى، سۈرىيەنى ئاجىز، بۆلۈنگەن سىياسىي كۈچلەرگە پارچىلىۋېتىش ۋە دەمەشقتىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالدىكى نوپۇزىغا سوئال قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر.
بۇ ئىستراتېگىيە، ئىسرائىلىيە كونتروللۇقىنىڭ ئىشغال قىلىنغان گولان ئېگىزلىكلىرىدىن ھالقىش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئاشۇرىدۇ ۋە جەنۇبىي سۈرىيەنىڭ «گولانلاشتۇرۇلۇشى» ئۈچۈن تارىخىي مىسال ۋە ھازىرقى گېئوپولىتىكىلىق پىلانلار نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بىر يۆنىلىشنى كۈچەيتىدۇ.
سۈرىيە، تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيە
ئىسرائىلىيە، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنى بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئايرىلماس شېرىكلىرى سۈپىتىدە كۆرۈپ كەلگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پارچىلانغان بىر سۈرىيە ۋۇجۇدقا چىقىرىش نىشانىنىڭ ئاساسىي بىر قىسمى، پ ي د / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى رامكىسىدا شەكىللەنگەن قۇرۇلمىدۇر.
بۇ كۈچ، پەقەت ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ سىياسىي مەنزىرىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ھەققىدىكى تېخىمۇ كە ڭ نىشانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كورد گۇرۇپپىلىرىغا بولغان تارىخىي كۆز قارىشىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىراق، يېقىنقى سۈرىيە-سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى كېلىشىمى، بۇ پوزىتسىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنى بۆلۈشتىكى مۇھىم قوراللىرىدىن بىرىنى ئۈنۈمسىز قىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ رايونلۇق ئارزۇلىرىغا قارشى كۈچلۈك ۋە قەتئىي بىر كۈچ بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىسرائىلىيە تۈركىيەنىڭ تەسىرىنى تەڭشەش ئۈچۈن، ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش يولىدا قاتتىق كۈچكە مەركەزلەشكەن ئەمما دىققەت بىلەن تەڭشەلگەن بىر ئىستراتېگىيەنى قوللاندى. بىراق، تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇقى ۋە سۈرىيە بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ نىشانلىرىغا مۇھىم توسالغۇلارنى پەيدا قىلماقتا.
ئىسرائىلىيە ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا يەتكەن ئەھۋالدا، سۈرىيە شەرقتە ۋە غەربتە مەزھەپ ۋە ئېتنىك رايونلار بىلەن، فىرات دەرياسى بويىدا پ ي د / ي پ گ بىلەن، جەنۇبتا بولسا ئىسرائىلىيە قوللاۋاتقان دۇرۇزلار بىلەن قورشاۋغا ئېلىنغان ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ ھالەتتە سۈرىيەنىڭ دېڭىزغا ياكى باشقا قوشنا دۆلەتكە چىقىشىنى چەكلەپ قويىدۇ، ئۇنىڭ پەقەت تۈركىيەگىلا چىقىش يولى بولىدۇ. بۇ ۋەزىيەت، سۈرىيەنى ئاجىز ۋە داۋاملىق قوغدىنىشسىز ھالغا كەلتۈرىدۇ، بىراق تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك ھەربىي ۋە دىپلوماتىك كۈچى، رايوندا داۋاملىق مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي سۈرىيەدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان مەيدانى، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك گېئوپولىتىكىلىق نىشاننى تەكىتلەيدۇ — ئۇ بولسىمۇ، زېمىن مۇستەھكەملەشنى، سىياسىي پارچىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ۋە ۋەكىل ئىتتىپاقلارنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بىر نىشان. بىراق، تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قارشى تەدبىرلىرى ۋە رايونلۇق مۇقىملىققا بولغان تەۋرەنمەس ساداقىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئارزۇلىرىغا قارشى كۈچلۈك تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى رول ئوينىماقتا ۋە بۇ سۈرىيەنىڭ «گولانلاشتۇرۇلۇشى»نى، رايونلۇق كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە ئۈچۈن يەتكىلى بولمايدىغان بىر پىلان ھالىغا كەلتۈرمەكتە.