سەھىيە خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 54 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئونلارچە كىشى يارىلانغان.
بىر سەھىيە مەنبەسىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، غەززە شەھىرىنىڭ تۇففاھ مەھەللىسىدە پاناھلىنىش مەركىزى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بىر مەكتەپ بىناسى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، ھۇجۇمدا 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغان.
بۇ ھۇجۇم ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇرەيج مۇساپىرلار لاگېرىدىكى يەنە بىر مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىدىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، ئالدىنقى ھۇجۇمدا 33 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 73 كىشى يارىلانغانىدى.
غەززە ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 234 پاناھلىنىش ئورنىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان.
يەنە بىر سەھىيە مەنبەسى غەززەدىكى ۋەھدە كوچىسىدىكى ئادەملەر زىچ بىر بازارغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 22 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، قازا قىلغانلار ئىچىدە بىر قانچە بالا ۋە بىر مۇخبىرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇم بازار ئەڭ ئاۋات ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان جايدىكى نۇرغۇن دۇكان ۋە بوتكا ۋەيران بولغان.
يەنە بىر سەھىيە مەنبەسى خان يۇنۇس شەھىرىدىكى بىر ئۆيگە قىلىنغان ھۇجۇمدا بىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي سەككىز كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى بەنى سۇھەيلا يېزىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە بىر پەلەستىنلىك ئەر-ئايالنىڭ قازا قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى قىلدى.
سەھىيە خادىملىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ مەركىزىدىكى دەيرۇلبەلاھ مۇناسىرا مۇساپىرلار لاگېرىدا بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭدەك، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى جەبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىغا قاراشلىق تەل ئەززەئاتار مەھەللىسىدىكى بىر ئۆيگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ، بىر قانچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
نەق مەيداندىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدا ئۆي چېقىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
پەلەستىن مەنبەلىرىنىڭ (ياكى غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ) مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولغان 52 مىڭ 600 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (خ ج ئى س م) 2024-يىلى نويابىردا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە (سابىق) مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانتنى غەززەدە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە (خ س م) غەززەدىكى ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانماقتا.