تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما تارقاتتى؛ ئۇ تېلېگراممىسىدا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى پەلەستىن خەلقى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان باشقا ئەللەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.
ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرىدا، «غەززەدە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنلاردا قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىۋاتقان، ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق ۋەھشىيلىكلىرىگە مەردانىلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ دۆلىتىم ۋە مىللىتىم نامىدىن ھۆرمەت بىلەن سالام يوللايمەن، ئۇلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن» دېدى.
ئۇ يەنە غەززەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ئەسلەپ، «ھۇجۇملاردا شېھىت بولغان بارلىق غەززەلىك قېرىنداشلىرىمنى رەھمەت بىلەن ياد ئېتىمەن، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئەردوغان، غەززە، سۇدان ۋە سومالى قاتارلىق توقۇنۇشلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان رايونلاردىكى مۇقىمسىزلىقلارنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قانلىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە تارىخىي بىر قەدەم
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پەلەستىندىكى زوراۋانلىقنى توختىتىش مەسىلىسىدىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تەكىتلەپ، «پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش شۇنداقلا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئادىل شەكىلدە تىنچلىق ئۇسۇل بىلەن ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.
دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ھەققىدە توختالغان ئەردوغان، 2-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبەت يىغىنىغا «تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان قانلىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى تارىخىي بىر قەدەم» دەپ باھا بەردى.
ئۇ يەنە قوشنا سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە سۈرىيەنىڭ مىللىي بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات نىشانلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «رايوندىكى بارلىق قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن سۈرىيەنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.