پاكىستان ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن رئىشلىكىگە تەيىنلىنىشىنى «مۇھىم دىپلوماتىك ئىلگىرىلەش» دەپ سۈپەتلىسە، ھىندىستانلىقلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ قارارغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى.
پاكىستاننىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىككى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىنىشى، ھىندىستاندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلىرى ئارىسىدا تەنقىد ۋە ھەيران قېلىش دولقۇنى پەيدا قىلدى.
چارشەنبە كۈنى پاكىستان 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ھۇجۇملىرىدىن كېيىن 1373-نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن قۇرۇلغان كۈچلۈك بىر ئورگان بولغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 15 ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان بۇ كومىتېت، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىي ۋە مەمۇرىي ئىسلاھاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى نازارەت قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، پاكىستان ئافغانىستان تالىبانىغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۆزىتىدىغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1988-نومۇرلۇق قارارى بىلەن قۇرۇلغان كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگىمۇ تەيىنلەندى.
ب د ت نىڭ بۇ ئىككى تەيىنلىشى، پاكىستان 1-يانۋاردا باشلانغان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى سۈپىتىدە سەككىزىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەردى.
ئىسلامئاباد بۇ تەيىنلەشلەرنى «مۇھىم دىپلوماتىك ئىلگىرىلەش» دەپ سۈپەتلىدى.
پاكىستاننىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ قەدەمنىڭ دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى «ئىجابىي رولىنى» ھەمدە «خەلقئارا سەۋىيەدە ئېتىراپ قىلىنغان» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن بۇ خەۋەر، ھىندىستان ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كۈچلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلدى.
كۆپىنچىسى ھاكمىيەت بېشىدىكى ھىندى مىللەتچى «بھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى» بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى مەلۇم مۇخبىرلار، سىياسىي ئوبزورچىلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە شەخسلەر پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىدىكى رولىنى قوللايدىغان بۇ ئەندىشە پەيدا قىلغۇچى ئەھۋالغا قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
بۇ ئىنكاسلار ئىككى يادرو قوراللىق قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ ئېغىر ھەربىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەندىن پەقەت بىر نەچچە ھەپتە كېيىن يۈز بەردى.
ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە يۈز بەرگەن ئەجەللىك ھۇجۇمدا كۆپىنچىسى ساياھەتچى بولغان 26 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. يېڭى دېھلى بۇ ھۇجۇمغا پاكىستاننى بازا قىلغان قوراللىق گۇرۇپپىلارنى جاۋابكار دەپ كۆرسەتكەن، لېكىن ئىسلامئاباد بۇ ئەيىبلەشنى قەتئىي رەت قىلغانىدى.
كېيىنكى توقۇنۇشلاردا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە زەرمبىرەكلەر ئىشلىتىلدى، 10-مايغا كەلگندە ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى. پاكىستان، فىرانسىيەدە ئىشلەنگەن «رافائېل» ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىندىستان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، ھىندىستان بەزى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
شۇنىڭدىن بۇيان ھىندىستان ۋە پاكىستان دىپلوماتىيە ساھەسىدە پائال ھەرىكەت قىلىپ، ھەر ئىككى دۆلەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، بىر «بايانات ئۇرۇشى»غا كىردى.
دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ھازىرچە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، ب د ت نىڭ بۇ تەيىنلەشلىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىلەرگە يېڭى بىر تۈس قوشتى.