رۇسىيە ئافغانىستاننىڭ يېڭى باش ئەلچىسىنىڭ ساداقەت مەكتۇپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق تالىبان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەتكە ئايلاندى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى، دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ خەۋەرنى دەلىللەپ، رۇسىيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىسى دىمىترى ژىرنوۋنىڭ تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ قارارنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
باش ئەلچى ژىرنوۋ بۇ قەدەمگە «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشتىكى تارىخىي قەدەم» دەپ باھا بەردى.
ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ: «بۇ قەدەم ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، كېڭىيىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مىنىستىر مۇتتەقى بۇ قارارنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى، «ئافغانىستان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشى»دىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ژىرنوۋ دۆلەتلىك «رۇسىيە-1» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قارارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە: «بۇ، رۇسىيەنىڭ ئافغانىستان بىلەن ھەرتەرەپلىمە شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بولغان سەمىمىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە تالىبان ھاكىمىيىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى.
2021-يىلى ئاۋغۇستتا تالىبان قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بېرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا ھېچقانداق دۆلەت كابۇلدىكى بۇ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى.