ئىران ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ يادرو سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى ۋە سۆھبەتتىن باش تارتقان تەقدىردە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەكتۇپىغا جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ئابباس ئاراقچى پەيشەنبە كۈنى ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرناغا بەرگەن باياناتىدا: «بۇ رەسمىي جاۋابتا، ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە ترامپنىڭ مەكتۇپىغا دائىر بىزنىڭ مەيدانىمىز تولۇق چۈشەندۈرۈلگەن بىر مەكتۇپ بار» دېگەن ھەمدە مەكتۇپنىڭ ئومانغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مەكتۇپنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئىلگىرىمۇ ۋاسىتىچىلىك قىلىپ كەلگەن ئومان ۋاسىتىچىلىك قىلغان.
ترامپ 2018-يىلى ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى چەكلەشنىڭ بەدىلىگە ئېمبارگولارنىڭ يېنىكلىتىلىشىنى كۆزدە تۇتقان كېلىشىمدىن ئامېرىكانى بىر تەرەپلىمە چېكىندۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بىراق ئۇ مارتنىڭ بېشىدا ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامېنېئىغا مەكتۇپ ئەۋەتكەنلىكىنى ھەمدە دىپلوماتىك سۆھبەتلەرگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بۇنىڭغا قارىماي، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىرانغا قارشى قوشۇمچە ئېمبارگولارنى ۋە ھەربىي ئارىلىشىش ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئەڭ يۇقىرى بېسىم» سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى.
ئاراقچى ئىراننىڭ ترامپنىڭ «ئەڭ يۇقىرى بېسىم» سىياسىتى داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى، بىراق ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەرگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ: «بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئامېرىكا بىلەن <ئەڭ يۇقىرى بېسىم> ۋە ھەربىي ئارىلىشىش تەھدىتى ئاستىدا بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش ئەمەس، لېكىن ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەر ئىلگىرىكىدەك داۋاملاشسا بولىدۇ» دېدى.
ۋاسىتىچىلەر
ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا 1980-يىلىدىن بېرى رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت يوق. بىراق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئاساسەن شۋېتسارىيەنىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشماقتا.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئومان، بەزىدە قاتار قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىغان. ترامپنىڭ ئىرانغا ئەۋەتكەن ئەڭ يېڭى مەكتۇپىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
ئىران 2015-يىلى ئامېرىكا ۋە خىتاي قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن كېيىن يادرو پىروگراممىسىنى چەكلەشكە ماقۇل بولغان. بىراق غەرب ھۆكۈمەتلىرى ئۇزۇندىن بېرى تېھراننى مەخپىي ھالدا يادرو قورالى ياساش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ كەلگەن. ئىران بولسا پىروگراممىنىڭ پەقەت پۇقراۋى مەقسەتلەرنىلا كۆزلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 2018-يىلى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنىڭ كېلىشىمگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ئىدى. ۋاشىنگتون بۇ پىروگراممىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت دەپ قارايدۇ.