ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن خەلقئارا سەھنىدە كۈچىيىۋاتقان ئەيىبلەشلەرگە قارىماي، 2024-يىلى تەخمىنەن 15 مىليارد دوللارلىق بىر قانچە مۇداپىئە توختامىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى، بۇنىڭ ھازىرغىچە كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ سانلىق مەلۇماتلار يەنە رېكورت دەرىجىدە توختام ئىمزالانغان 2023-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %13 لىك ئېشىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ئېشىش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي پاجىئەدىن غەزەپلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى.
توختاملارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئىمزالانغان بولسا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ترامپ دەۋرىدە ئىمزالانغان «ئابراھام كېلىشىملىرى» دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرغان ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەنمۇ بەزى توختاملار تۈزۈلگەن بولسا، باشقا توختاملار شىمالىي ئامېرىكا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن تۈزۈلدى.
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا، سېتىۋېلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا، راكېتا ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا، باشقا توختاملار ئارىسىدا بىرونېۋىكلار ، سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسى، تور سىستېمىلىرى ۋە ئاخبارات سىستېمىلىرى بار بولۇپ، توختاملارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ھەر بىرىنىڭ قىممىتىنىڭ 100 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز، ھاماسنىڭ 7-ئۆكتەبىردىكى ھەرىكىتىدىن كېيىن باشلانغان غەززە ھۇجۇمىنى كۆزدە تۇتۇپ، رېكورت سەۋىيەسىدىكى بۇ ئېكسپورتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى ئىپادىسىنىڭ «بىۋاسىتە نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
كاتز باياناتىدا: «دۇنيا ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچىنى كۆرۈۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭغا شېرىك بولۇشنى خالايدۇ» دېدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى، رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى. غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 54 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
خەلقئارانىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىغا ۋە كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى ۋە ياردەم بۇيۇملىرىغا بولغان چەكلىمىلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۆتكەن ئايدا چەكلىك مىقداردىكى ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى بۇ مىقدارنىڭ ئېھتىياجدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەزگىلىدىكى قورال-ياراغ سودىسى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەگە تەخمىنەن 12 مىليارد دوللارلىق ھەربىي قورال-ياراغ سېتىشنى تەستىقلىغان. گېرمانىيە بولسا 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەگە 550 مىليون دوللاردىن ئارتۇق قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ۋە تېل ئاۋىۋنى داۋاملىق قوراللاندۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باشقا بەزى دۆلەتلەر بولسا، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە ئالاقىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدى.
ئىسپانىيە سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر شىركەت بىلەن تۈزۈلگەن تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، ئەنگلىيە ئەركىن سودا سۆھبەتلىرىنى توختاتتى. يەنە بەزى دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن قورال-ياراغ سېتىشنى توختىتىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.