ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى (CAIR) ئامېرىكىنى ھىندىستانغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىپ: «ھىندىستاندىكى ئاشقۇن ئوڭ قانات ھىندۇتۋا ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» دېدى.
ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى (CAIR) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ھىندىستاننى «ئالاھىدە ئەندىشە قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە چاقىردى. بۇ چاقىرىق ئەھمەدئاباد شەھىرىدە 8500 دىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ ئۆيى چېقىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى (CAIR) نىڭ دۆلەتلىك ئىجرائىيە دىرېكتورى نىھاد ئاۋاد دۈشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە: «ھىندىستاننىڭ ئاشقۇن ئوڭ قانات ھىندۇتۋا ھۆكۈمىتى ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش سىياسىتىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. زوراۋانلىق ۋە ئېتنىك تازىلاش كۈنسېرى ئومۇملاشماقتا» دېدى.
ئاۋاد: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھىندىستاننى ئالاھىدە ئەندىشە قىلىنىدىغان دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى، مودى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار، سىخلار ۋە باشقا ئاز سانلىقلارغا قاراتقان زوراۋانلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەك» دېدى.
ئىلگىرى بىر دوكلاتتا، بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىلغان «قانۇنسىز قۇرۇلۇشلارنى تازىلاش» ھەرىكىتى جەريانىدا 8500 دىن ئارتۇق ئۆينىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ۋە مىڭلىغان مۇسۇلمان ئائىلىسىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
دوكلاتتا، مەسئۇللار «قانۇنسىز باڭلادېشلىق كۆچمەنلەرنى» ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن بولسىمۇ، ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان شۇ يەردە ياشاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قىلمىشنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئالاھىدە ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى، چۈنكى نۇرغۇن ھىندىلارغا تەۋە مۈلۈكلەرنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.
ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار ھۇجۇم نىشان ئاستىدا
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش مىنىستىر نارېندرا مودى ھۆكۈمىتى ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى.
ئاپرېل ئېيىدا، ھىندىستان پارلامېنتى ۋەخپە قانۇنىغا تالاش-تارتىشلىق تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزدى، بۇ ئەھۋال دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىشلارغا ۋە قانۇننى بىكار قىلدۇرۇش ئۈچۈن قوزغالغان قانۇنىي كۈرەشلەرگە سەۋەب بولدى.
ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار بۇ ھەرىكەتنى، ۋەخپە قۇرۇلمىلىرىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش، دۆلەت نازارىتىنى كۈچەيتىش ۋە تۇنجى قېتىم ۋەخپە باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ تەيىنلىنىشىگە يول قويۇش نىيىتى دەپ قارىدى.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مودى ھۆكۈمىتى، مۇسۇلمانلارغا تەۋە ئۆي ۋە مۈلۈكلەرنى چېقىپ كەلمەكتە ۋە تەنقىدچىلەر بۇنى «كوللېكتىپ جازا» دەپ ئاتىماقتا.
ھىندىستاندا تەخمىنەن 200 مىليون مۇسۇلمان ياشايدۇ.