ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي بىلەن تەيۋەن سۆز ئۇرۇشىنى باشلىدى
پىرېزىدېنت لەي چىڭدې تەيۋەننىڭ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە تارىخىي تەلەپلەر توغرىسىدىكى سۆز ئۇرۇشى كۈچەيدى.
خىتاي بىلەن تەيۋەن سۆز ئۇرۇشىنى باشلىدى
تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې: «تەيۋەن ئەلۋەتتە بىر دۆلەت، خىتاينىڭ تەيۋەن ئۈستىدە قانۇنىي ۋە تارىخىي ھوقۇقى يوق» دېدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
17 hours ago

بېيجىڭ بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا تارىخىي تالاش-تارتىش توغرىسىدا ئىختىلاپلار  كۈچەيدى. بېيجىڭنىڭ تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرى دەپ قارىغان ھەرىكەتلەر توغرىسىدا ئۇلغايغان سۆز ئۇرۇشىدا، خىتاي «ئۆزىنىڭ بولغان زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىشى» نىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دېموكراتىك ھاكىمىيەت بولغان تەيۋەننى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ ھېسابلايدۇ. خىتاي يېقىنقى بەش يىلدا تەيۋەنگە قارىتا ھەربىي ۋە سىياسىي بېسىملارنى كۈچەيتتى.

خىتاي، بولۇپمۇ تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، ئۇنى «بۆلگۈنچى» دەپ ئاتايدۇ.

لەي  چىڭدې يەكشەنبە (22-ئىيۇن) كۈنىدىن باشلاپ، «دۆلەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش» تېمىسى ئاستىدىكى  10 نۇتۇقتىن ئىككىنى سۆزلىدى. ئۇ تەيۋەننىڭ «ئەلۋەتتە بىر دۆلەت» ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تەيۋەن ئۈستىدە قانۇنىي ۋە تارىخىي ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭلىيەن چارشەنبە كۈنى (25-ئىيۇن) بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، لەي ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن «مۇستەقىللىق ئىغۋاگەرچىلىرى» نىڭ «قەتئىي قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى» گە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«گەرچە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپى تېخى تولۇق بىرلىككە كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپتىكى خەلقلەرنىڭ بىر خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ <خىتايلۇق> ئىكەنلىكىدەك تارىخىي، شۇنداقلا قانۇنىي پاكىت ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Taiwan holds 'grey zone' drills to strengthen readiness against China

خىتاي-تەيۋەن جىددىيچىلىكى

خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك، جۈملىدىن خىتاينىڭ بىر قانچە قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرلىرى كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا، بېيجىڭنىڭ ھامان بىر كۈنى تەيۋەننى زورلۇق بىلەن ئېلىش ئېھتىمالىنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇ ئەھۋال رايون ئۇرۇشىنى قوزغىشىمۇ مۇمكىن.

تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى مانېۋىرى ئاپېرىلدا ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى ھەر كۈنى تەيۋەن ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلغان، بەزىدە نەچچە ئون دانە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلغان.

خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭلىيەن مانېۋىرلار توغرىسىدىكى سوئاللارغا، «تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسمى. بۇ يەردە ئىشغال قىلىش، دېيىش توغرا ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي تەيۋەننىڭ ئورنى ۋە كەلگۈسىگە قارىتا باشقىچە قارايدۇ.

ئۇ سەيشەنبە كۈنى (24-ئىيۇن) كەچتە قىلغان سۆزىدە، تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى پەقەت تەيۋەن خەلقىلا دېموكراتىك شەكىلدە بېكىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەر قانداق بىر پارتىيە ياكى پىرېزىدېنتنىڭ قارارىغا باغلىق ئەمەسلىكىنى؛ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» نىڭ، يەنى تەيۋەننىڭ  خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

1911-يىلى ئەڭ ئاخىرقى ئىمپېراتورنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىنقىلابتىن كېيىن قۇرۇلغان خىتاي جۇمھۇرىيىتى (جۇڭخۇا مىنگو)، 1949-يىلى ئىچكى ئۇرۇشتا ماۋ زېدۇڭ كوممۇنىستلىرىغا يىڭىلگەندىن كېيىن تەيۋەنگە قېچىپ كەتكەن بولۇپ، تەيۋەن ئارىلىنىڭ رەسمىي ئىسمىنى «خىتاي جۇمھۇرىيىتى» دەپ  ئاتىغان ئىدى.

لەي مۇنداق دېدى: «خىتاي جۇمھۇرىيىتى قانچە ياشقا كىردى؟ 113 ياشقا، بۇ يىل 114 ياش بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى؟ ئۇ ئاران 70 ياش، شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ ناھايىتى ئاددىي ۋە ئېنىق.»

بۇ يىل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 80 يىللىقى يەنە بىر سەزگۈر تېما بولۇپ، خىتاي سېنتەبىرنىڭ (2025) بېشىدا خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان سابىق ئەسكەرلەرنى بېيجىڭدىكى ھەربىي پاراتقا تەكلىپ قىلدى.

تەيۋەن بۇ سابىق ئەسكەرلەرنىڭ پاراتقا قاتنىشىشىنى خالىمايدۇ. تەيۋەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېللىنگتون كۇ  (Wellington Koo) چارشەنبە كۈنى (25-ئىيۇن) ئېلان قىلغان باياناتىدا، بېيجىڭنىڭ تارىخنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ پارلامېنتتا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:

«قارشىلىق كۆرسىتىش جەڭلىرىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەس، بەلكى خىتاي جۇمھۇرىيىتى قىلدى ۋە غەلىبە قىلدى. بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - China warns US not to ‘play with fire’ over Taiwan
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us