تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك دەۋرىدىن كېيىن، ئىران بىلەن ئامېرىكانىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىرادىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.
فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى بىلەن باشلانغان توقۇنۇش ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىلگىنىڭلاردەك، بىز رايوندىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز ۋە كۆپىنچە مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئويناۋاتىمىز. چۈنكى ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ۋە مەۋجۇت ئۇرۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ھەم بىزنىڭ، ھەم رايونىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر»
فىدان غەززەگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە «ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا بىر ئۇرۇش بولماقچى» دېگەنلىكىنى ئەسلىتىپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇمى ئىراننى قانۇنلۇق مۇداپىئە سالاھىيىتىگە ئىگە قىلدى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو ئىقتىدارىنى يوقىتىش كۈچىنىڭ ئېيتىلغاندەك ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقاردى» دېدى.
فىدان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ ئىچكى سىياسەتتىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «رايوندا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتنى يەلپۈشتىن يانمايدىغان بىر سىياسىي ئىدىيەنىڭ بارلىقى كۆرۈلدى» دېدى.
مىنىستىر فىدان 12 كۈنلۈك توقۇنۇشتىن كېيىن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، ئەمما يادرو ئىقتىدارىنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقى دېگەن پەرەزگە ئاساسلانغان بۇ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئۆزئارا ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىش ئېھتىمالىقىغا قارشى رايوننىڭ ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
«يۇقىرى بەدەل»
بۇ ئۇرۇشنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەتكىلا ئەمەس، پۈتۈن رايونغىمۇ زور بەدەل ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان فىدان: «ئىككى دۆلەت ئارىلىقىدا 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق بار ھەمدە ئورتاق چېگرا يوق. شۇڭلاشقا بۇ ئۇرۇش چېگرالارنى ھالقىغان، باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئەھۋال» دېدى. ئۇ ھازىرچە سۈكۈتتە تۇرۇش دەۋرى ياشىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى سۆزىگە قوشۇمچە قىلدى.
يادرو مەسىلىسىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان فىدان: «ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى ۋە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا كەلدى» دېدى.
يادرو پىلانىنىڭ نۇرغۇن تەركىبىي قىسىملىرى بارلىقىنى ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان فىدان، ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا «ئېنىق ۋە ئېغىر» بىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم قىلغان كېچىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيودىن تېلېفون كەلگەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلەرگە قارىتا فىدان: «شۇنداق بىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى» دېدى. ئامېرىكانىڭ «ئەسلىدە بىر ھۇجۇم يۈز بەرگەن تەقدىردە، بۇ ھۇجۇمدا ۋەزىپە ئۆتېمىگەنلىكى، ھېچقانداق رولى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىرانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىقىنى، ئەگەر ھۇجۇم قىلسا بۇنىڭغا ناھايىتى قاتتىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا «بۇ نۇقتىدا رايوندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر بەزى مەسىلىلەرنى» ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.
فىدان، ئامېرىكانىڭ كېيىنچە ئىران بىلەن ئالاقىلىشىپ، «ھۇجۇم يۈز بەرگەن تەقدىردە ئامېرىكانىڭ ھېچقانداق رولى يوقلۇقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىدىغان بىر ئارىلىشىشتا بولماسلىقىنى خالايدىغانلىقىنى مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق» يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.
ترامپ بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزېشكىياننىڭ تۈركىيەدە كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلەرگە قارىتا فىدان: «شۇنى ئېيتىپ قويايكى، جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىگە بولغان ئىشەنچ تۈپەيلىدىن مۇمكىن بولغان ئەڭ ئىلغار تەكلىپلەر ۋە ئەھۋاللار كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى، ئەمما مەن ئۇلار ھەققىدە باھا بەرمەي» دېدى.
«ھېچكىم ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ»
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ۋەقەگە ئارىلىشىدىغان-ئارالاشمايدىغانلىقى ۋە ئاراكچىنىڭ 21-ئىيۇن تۈركىيەدە تۇنجى باياناتىنى ئېلان قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا فىدان: «شەنبە كۈنى ئىرانلىق مەنسەپدېشىمىز بىلەن ئۇچراشقاندا، ئامېرىكا تەرەپ تېخى ئۇرۇشقا كىرمىگەن ئىدى» دەپ جاۋاب بەردى.
فىدان: «ئەتىسى ئىرانلىق مەنسەپدېشىمىز بىلەن سۆزلەشكەندە، بىزنىڭ ئاساسلىق تەۋسىيەمىز ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئامېرىكالىقلارنىڭ نىيىتىنى چۈشىنىش كېرەكلىكى ئىدى. بۇنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغۇچ بىر ئۇرۇشمۇ ياكى پەقەت يادرو ئەسلىھەلىرى بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟ دېگەنلەر مۇزاكىرە قىلىندى. قارىغاندا يادرو ئەسلىھەلىرى بىلەنلا چەكلىنىدىغاندەك قىلاتتى» دېدى.
فىدان: «ئەگەر بۇ چەكلىك پائالىيەت داۋاملاشسا، ئىراننىڭ جاۋابىمۇ چەكلىك بولىدۇ» دېگەن ئۇچۇرنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنى ئۆزلىرىنىڭمۇ يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ترامپنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورتاقلاشقىنىدەك، «سەن مېنىڭ نۇقتامغا ھۇجۇم قىل، مەنمۇ سېنىڭكىگە ھۇجۇم قىلىمەن، ئەمما چېگرامنى ئېنىق بەلگىلەيمەن» دېگەن چۈشەنچىنىڭ ئورناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
فىدان ئىراننىڭ يادرو مەنبەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يىللار ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە ئېمبارگولارنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «يەنە بىر تەڭپۇڭلۇق ئامىلى شۇكى، بەش دائىمىي ئەزانىڭ ھەممىسى يادرو قوراللىرىغا ئىگە ۋە ھازىرقى ئەھۋالدا ھېچقانداق مەسىلىدە كېلىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
فىدان يەنە مۇنداق دېدى: «بىراق ئالتىنچى بىر دۆلەتنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويماسلىق مەسىلىسىدە ئۇلار ئوخشاش پىكىردە. لېكىن ساننى تۆتكە، ئۈچكە ياكى ئىككىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھېچقانداق تىرىشچانلىق يوق. چۈنكى ئاخىرىدا ھېچكىم ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ»
