ئىتالىيەنىڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى — «5 يۇلتۇز ھەرىكىتى»نىڭ رەھبىرى جۇسېپپې كونتې، پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك ئىسرائىلىيەگە قارشى كەڭ دائىرىلىك قورال-ياراغ ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«پەقەت 24 سائەتتىلا 100 دىن ئارتۇق ئۆلۈم. ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن 300 دىن ئارتۇق بالا» دېگەن كونتې، X (بۇرۇنقىTwitter) سۇپىسىدىكى ئۇچۇرىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ سەھىيە ئورۇنلىرى ۋە ئۆيلەرگە زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىتالىيە بىلەن ياۋروپانىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ۋەھشىيلىك ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان كونتې، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پوزىتسىيەسىنىمۇ تەنقىدلەپ، پەقەت «ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» ئىپادسىنىڭ «مەنىسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
60 ياشلىق سىياسىيون، «ئىسرائىلىيەگە تولۇق قورال-ياراغ ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈلۈشى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن قوللىغۇچىلىرىغا قارشى ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك جازا تەدبىرلىرى قوللىنىلىشى كېرەك» دېدى. ئۇ 2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.
ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى مىلانو شەھىرىدە بولسا، يۈزلىگەن كىشى غەززەدە پەلەستىنلىك مۇخبىرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 50,500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (خ ج ئى س م)، ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.
ئىسرائىلىيە يەنە، غەززەدىكى ئۇرۇشى سەۋەبلىك خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدە (خ ئە س م) قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانماقتا.