ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئېيتىشىچە، شەنبە كۈنى كەچتە برۇكلىن كۆۋرۈكىگە سوقۇلۇپ كەتكەن مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسى يەلكەنلىك مەشىق پاراخوتىنىڭ تۇرۇكلىرىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى سۇنۇپ چۈشۈشىش نەتىجىسىدە ئىككى كىشى قازا قىلىپ، 19 كىشى يارىلانغان.
نەق مەيدان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدە، پاراخوت نيۇيورك شەھرىنىڭ برۇكلىن ۋە مانخاتتان رايونىنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈۋاتقاندا سوقۇلغانلىقى كۆرۈلدى.
نيۇيورك شەھەر باشلىقى ئېرىك ئادامس باياناتىدا 19 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئىككى كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمەلدارلار يارىلىنىش ۋەقەسىنىڭ ھەممىسىنىڭ پاراخوتتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
سىن كۆرۈنۈشلىرىدە ئاق ماتروس فورمىسى كىيگەن بىر قانچە كىشىنىڭ پاراخوتنىڭ ئۆتۈشمە ئېغىزىغا ئېسىلىپ قالغانلىقى كۆرۈلدى، نيۇيورك شەھىرىنىڭ جەنۇبىي كوچىسى دېڭىز پورتىغا يېقىن بولغان كۆۋرۈك ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ بولسا پاراخوت يېقىنلاشقاندا قېچىپ كەتكەنلىكى كۆرۈلدى.
1883-يىلى تاماملانغان ئاسما كۆۋرۈك مانخاتتان بىلەن برۇكلىن ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق لىنىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، داڭلىق ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.
نيۇيورك شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى كىشىلەرنىڭ زادى قانداق يارىلانغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.