ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان چارشەنبە كۈنى دۆلىتىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ خەۋەرنى ئىراننىڭ رەسمىي «Press TV» قانىلى ۋە «مەھر» خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق دۆلەت تاراتقۇلىرى دەلىللىدى.
خەۋەرلەردە، پىرېزىدېنت پەزەشكىياننىڭ پارلامېنت ئۆتكەن ھەپتە ماقۇللىغان ۋە ھۆكۈمەتنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىش سالاھىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاپ، ئىمزا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ قەدەم، تېھران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ يادرو نازارەتچى ئورگىنى ئوتتۇرىسىدىكى كۆزىتىش ئىجازىتى ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىق مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكنىڭ كۈلەڭگىسىدە تاشلاندى. بۇ جىددىيچىلىك، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن يېقىندا يۈز بەرگەن ھەربىي توقۇنۇشلاردىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ئىدى.
13-ئىيۇن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي ۋە يادرو مۇئەسسسەسەلىرىگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 12 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇش پارتلىغان ئىدى.
بۇنىڭغا جاۋابەن تېھران باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغان، ئامېرىكا بولسا ئىراننىڭ ئۈچ يادرو مۇئەسسەسەسىنى بومباردىمان قىلغان. توقۇنۇش ئامېرىكا ۋاسىتىچىلىكىدە 24-ئىيۇن كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.