گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 2024-يىلى 1-يانۋاردىن 2025-يىلى 26-ئىيۇنغىچە ئىسرائىلىيەگە 294 مىليون دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھە ۋە قورال ئېكسپورت قىلىشنى تەستىقلىغانلىقىنى دەلىللىدى.
رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ئېكسپورتى 2024-يىلى 189 مىليون دوللارغا، 2025-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسىلدە 33 مىليون دوللارغا يەتكەن.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ ئۆكتىچى سولچىللار پارتىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال ئېكسپورتىنى دەرھال توختىتىش چاقىرىقى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا جاۋابەن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.
گېرمانىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى دەپ ئاتالماقتا. سىياسىي رەھبەرلەر بۇ قوللاشنى گېرمانىيەنىڭ ناتسىستلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەڭ كۆلەملىك يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىكى تارىخىي مەسئۇلىيىتى دەپ قارايدۇ.
ئۆتكەن يىلى، نىكاراگۇئا خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا گېرمانىيە ئۈستىدىن ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېكىسپورتى ۋاقىتلىق توختىتىلدى.
بىراق، گېرمانىيە دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەدىن خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەتنامە ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە ئىراندىن كېلىدىغان تەھدىتلەرنىمۇ ئىسرائىلىيەگە قورال - ياراغ ئېكىسپورت قىلىشنى قايتا باشلاشنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسەتتى.
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى غەززەدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 58 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى، 100 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلاندى.
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. كەم دېگەندە 1 مىليون 900 مىڭ پەلەستىنلىك سەرگەردان بولۇپ كەتكەن غەززەدە خەلق يېمەكلىك، داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ئاساسلىق لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىشتە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.