مودا: سىياسىي ئىپادىلەش قورالى ۋە ئەزىز بەككاۋىنىڭ لايىھەلىرى ئارقىلىق پەلەستىن دەۋاسىنى قوللىشى
ئوچېرىك
6 مىنۇت ئوقۇش
مودا: سىياسىي ئىپادىلەش قورالى ۋە ئەزىز بەككاۋىنىڭ لايىھەلىرى ئارقىلىق پەلەستىن دەۋاسىنى قوللىشىمودا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىياسىي ئىپادە قىلىشنىڭ بىر سەھنىسى بولۇپ كەلدى. 1960-يىللاردىكى ئۇرۇشقا مودا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان سىياسىي پىكىرلەرنى ئىپادىلەشنىڭ بىر ۋاسىتىسى بولۇپ كەلگەن.
ماراكەشتە تۇغۇلغان گوللاندىيەلىك لايىھىلىگۈچى ئەزىز بەككاۋى، ئۆز لايىھەلىرى ئارقىلىق پەلەستىن كىملىكىنى ھىمايە قىلماقتا (رەيموند ۋان زېسسېن).
13 مارس 2025

1960-يىللاردىكى ئۇرۇشقا قارشى ھەرىكەتلەردىن تارتىپ ھازىرقى دۇنياۋى ئادالەت كۈرەشلىرىگىچە، كىيىم-كېچەكلەر ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش، ھەمكارلىشىش ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەيدانلىرىنى ئىپادىلەپ كەلدى. مودنىڭ بۇ خىل كۈچىگە ئەڭ ياخشى ۋەكىللىك قىلغانلاردىن بىرى، مەدەنىيەت يوقىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، پەلەستىن كىملىكىنى ھىمايە قىلىۋاتقان ئەزىز بەككاۋى بولۇپ، ئۇ ماراكەشتە تۇغۇلغان گوللاندىيەلىك كىيىم لايىھەلىگۈچىسىدۇر.

بەككاۋى كىيىم-كېچەك سەھنىسىنى تۇنجى بولۇپ پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىش سۇپىسىغا ئايلاندۇرغان داڭلىق لايىھەلىگۈچىلەردىن بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مودا ھەرگىزمۇ پەقەت گۈزەللىكتىنلا ئىبارەت ئەمەس — ئۇ بىر تىل، نارازىلىقنى ئىپادىلەش ۋاسىتىسى ۋە ئۈنى بوغۇلغانلارنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قورالىدۇر. ئۇنىڭ 2014-يىلىدىكى دۇنيا كەففىيە كۈنى توپلىمى مودىنىڭ مەدەنىي قارشىلىققا ئايلىنالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

بەككاۋى كەففىيە ۋە پەلەستىن بايرىقىنى مىراس سىمۋولى بولۇشتىن ئەمەلىي، يۇقىرى دەرىجىلىك مودا ئىپادىلىرىگە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭ توپلىمىدا كەففىيە قالپىقى، پەلەستىن يوتقىنى ۋە كەففىيە دۈمبە سومكىسى قاتارلىق بۇيۇملار بار. بۇلارنىڭ ھەربىرى كىملىك ۋە چىدامچانلىقنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

TRT World  تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: «كەففىيە نەقىشى ۋە پەلەستىن بايرىقىنى نەپىس ئىشلەنگەن، زامانلاردىن ھالقىغان پارچىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇ توپلام پەلەستىن مىراسىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭغا زامانىۋى مەنە بېغىشلانى مەقسەت قىلغان.»

بۇ لايىھەدىن ئېلىنغان پايدىنىڭ بىر قىسمى مۇستەقىل مۇخبىرلارنى، پائالىيەتچى-ئاكتىۋىستلارنى ، سەنئەتكارلارنى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە بېغىشلانغان پىكىر يېتەكچىلىرىنى قوللاپ، Maison Palestine  ۋەخپىسىگە تەقدىم قىلىنماقتا.

بىر ئۆمۈر داۋاملاشقان پەلەستىن رىشتىسى

ماراكەشنىڭ بەركان شەھىرىدە تۇغۇلغان بەككاۋى ئالتە يېشىدا گوللاندىيەگە كۆچۈپ بارغان. ئۇ ئائىلىسىنىڭ تەربىيەسىدە پەلەستىن دەۋاسىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق تۇيغۇسى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلگەن.

بەككاۋىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ پەلەستىن بىلەن بولغان رىشتىسى «ھەمىشە مەۋجۇت بولغان» بولۇپ، بۇ رىشتە پەقەت ھازىرقى داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ گۇۋاھچىسى بولغانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھاياتىنى شەكىللەندۈرگەن 77 يىللىق ئىشغالىيەتنىمۇ ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىكەن.

دەسلەپتە مېمارچىلىق ۋە بېزەكچىلىك سەنئەتلىرىگە قىزىققان بەككاۋى كېيىن، ArtEZ سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا مودا لايىھەلەشكە يۈزلەنگەن. بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن ئىجادىي ساھەلەرنى تەكشۈرگەن. بۈگۈن كۈندە گوللاندىيەنىڭ ئەڭ تونۇلغان لايىھەلىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان بەككاۋى، مودىغا كىشىلەرنى تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدىغان ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان بىر خىل ئىپادىلەش ۋاسىتىسى دەپ قارايدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئوچۇقىنى ئېيتقاندا — مودا ھايات قۇتقۇزمايدۇ. ئەمما ئۇ ئاڭنى ئويغىتالايدۇ، كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، ئويلاندۇرالايدۇ ۋە ھەتتا ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدۇ.»

مودىنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتكىنىگە ئۇزۇن زامانلار بولدى. 1960-يىللاردا، كۆينەكلەردىكى تىنچلىق بەلگىلىرى ۋە «ئىسا» كەشلىرى ۋىيېتنام ئۇرۇشىغا قارشى تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم كىيىم-كېچەكلىرىگە ئايلانغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان رەھىمسىز ھۇجۇملىرى ئاستىدا، پەلەستىن نەقىشلىرى — زەيتۇن دەرەخلىرىدىن تارتىپ تاۋۇزغىچە — ھېسداشلىقنىڭ ئالامەتلىرىگە ئايلاندى. بۇلار ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن تارتىپ پارلامېنت زاللىرىغىچە ۋە داڭلىق پائالىيەتلەرگىچە ھەممە يەردە كىيىلمەكتە.

شۇنداقتىمۇ، مۇئەييەن تونۇشقا ئىگە مودا پەلەستىن دەۋاسىنى قوللاپ كەلگەن بولسىمۇ، مودا سانائىتى تېخىچە كۆپىنچە ھاللاردا سۈكۈتتە تۇرماقتا.

روھسىز كەففىيە: مەدەنىي جەھەتتىن ئىگىدارچىلىق قىلىش مەسىلىسى

بەككاۋىنىڭ نەزىرىدە، ئەنئەنىنى قەدىرلەش ئۇنىڭ يىلتىزلىرىنى چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر نەرسىنىڭ كېلىپ چىقىشى قەيەر؟ قايسى تارىخىي مۇھىتتا شەكىللەنگەن؟ نېمە ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن؟ بىر نەرسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۈچۈن قانداق شارائىتلار زۆرۈر بولغان؟ قانداق ياسالغان؟ قانداق ماتېرىياللار ۋە ئۇسۇللار قوللىنىلغان؟» بۇ سوئاللار دۇنيا كەففىيە توپلىمىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ توپلام توقۇمىچىلىق مۇزېيى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

توپلامدىكى ھەر بىر پارچە كەشمىر ۋە يۇڭدىن توقۇلغان بولۇپ، «كەففىيەنى مەدھىيەلەش» خاراكتېرىدە لايىھەلەنگەن. بەككاۋىنىڭ ئېيتىشىچە، كەففىيە ئەگەر ئۆز تارىخىي مەنىسىدىن ئايرىلىپ قالسا، پەقەت «روھسىز، ئىچى قۇرۇق يىپ يىغىندىسى»غا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بەككاۋىنىڭ ئەمگەكلىرى كەففىيەنىڭ مەدەنىي ئەھمىيىتىنى ھۆرمەتلەشكە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، باشقا نۇرغۇن شىركەتلەر ئۇنى پەقەت تىجارىي مەھسۇلاتقا ئايلاندۇردى. مودا سانائىتىنىڭ بۇ خىل ئۆزلەشتۈرۈشى تېز مودادىن قىممەت ماركىلارغىچە كەڭ تارقالدى. مەسىلەن، دۆلەت كىيىملىرىنى ساتىدىغان  TopShop  2017 -يىلى پەلەستىن شالىنى «شال كىيىمى»گە ئايلاندۇرغان. Urban Outfitters  بولسا، 2007-يىلى ئۇنىڭ كۆپ خىل رەڭلىك نۇسخىلىرىنى بازارغا سالغان، ئەمما «بۇ مەھسۇلاتنىڭ سەزگۈر تەبىئىتى سەۋەبىدىن» كېيىن ئۇنى بازاردىن يىغىۋالغان.

قىممەت ماركىلارمۇ كەففىيەنى پايدا ئېلىش مەقسىتىدە سۇيىئىستېمال قىلغان. Balenciaga  بۇنى 2007-يىلى «ساياھەتچى» توپلىمىغا كىرگۈزگەن.  Louis Vuitton بولسا، 2021-يىلى ئۆز ماركىسى بېسىلغان نۇسخىلىرىنى يۈزلىگەن دوللارغا ساتقان. شۇ جەرياندا، پەلەستىننىڭ ئاخىرقى كەففىيە ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان خەلىلدىكى خىرباۋى زاۋۇتى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان ساختا نۇسخىلار ۋە ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىملار ئالدىدا ھايات قېلىش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بەزى ئىسرائىلىيەلىك لايىھەلىگۈچىلەر، دورىت بارور ۋە يارون مىنكوۋسكى قاتارلىقلار، پەلەستىنگە خاس بولغان ئەنئەنىۋى شالنى «ئۆزىمىزنىڭ» دەپ دەۋا قىلىپ، كۈچلۈك تارتىش-تالاشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بەككاۋىنىڭ نەزىرىدە، كەففىيە پەقەت بىر كىيىملا ئەمەس — ئۇ يۈز يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىي ئىپادىلەش قورالى ۋە «بىر بايراقتىنمۇ كۈچلۈك» سىمۋولدۇر.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر توقۇمىچىلىق ئۆزىنىڭ مەدەنىي مەزمۇنىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇ پەقەت روھسىز بىر رەخت پارچىسىغا ئايلىنىدۇ. سىز كەففىيە نەقىشىنى قوللانسىڭىزمۇ ياكى pied-de-poule غا ئوخشاش مىڭلىغان يىللىق نەقىشلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ، بۇ نەقىشلەرنىڭ تارىخىي ھېكايىسىنى بىلىش ۋە باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.»

كەففىيەنىڭ جىنايەت ئامىلى دەپ قارىلىشى

2023 -يىل 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان، كەففىيە غەرب دۆلەتلىرىدە بارغانسېرى ئەشەددىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە. ئۆتكەن يىلى Anti-Defamation League باشلىقى جوناتان گىرېنبلات پەلەستىن شالىنى ناتسىست سۋاستىكا بەلگىسىگە ئوخشاتتى.

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ پەلەستىن دىياسپوراسى بولغان 300,000 كىشى ياشاۋاتقان بولسىمۇ، مەكتەپلەردە كەففىيە «مەكتەپ تىنچلىقىغا تەھدىت» دېگەن باھانە ئاستىدا چەكلەنمەكتە.

فىرانسىيەمۇ ئوخشاش چەكلىمىلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇ يەردە كەففىيە كىيگەنلەرنى تۇتقۇن قىلىش، جەرىمانە قويۇش ياكى كىيىمنى مەجبۇرىي سالدۇرۇۋېتىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى.

بۇ خىل بېسىم ياۋروپادىنمۇ ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئونتارىيو قانۇن چىقىرىش مەجلىسى ئۆز پالاتاسىدا كەففىيە كىيىشنى چەكلىدى. ئامېرىكادا بولسا، كەففىيە كىيگۈچىلەر ئېغىر زوراۋانلىق ھۇجۇملىرىغا دۇچار بولدى — بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئېتىلىشىمۇ بار بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.

بەككاۋىغا كەلسەك، ئۇنىڭ توپلىمىغا قارشى ئىنكاسلار كەسپىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلىشقا سەۋەب بولدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كەسىپداشلىرىم ۋە دوستلىرىم مەندىن يىراقلاشتى، بەزىلىرى ئىشلىرىمنى بايقۇت قىلدى ۋە مېنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇندى. بۇ ئىنتايىن قىيىن مەزگىل بولدى، بىراق مۇشۇ ۋەقەلەر گەرچە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولساممۇ، مېنىڭ ئۆز پىرىنسىپلىرىمغا سادىق بولۇش قارارىمنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى.»

مودا سانائىتىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە كەففىيەنىڭ بارغانسېرى شەيتانلاشتۇرۇلۇشىغا قارىماي، بەككاۋى ئۆز نىشانىدا چىڭ تۇرماقتا. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مودا ئارقىلىق، ئاتالمىش مەدەنىيەتلىك دۇنيايىمىزدا پەلەستىنلىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى ئەيىبلىمەكچىمەن». كەسپىي دائىرىلەردىكى بەزى كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن بولسىمۇ، ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەكتە.

سانائەتنىڭ ساختىپەزلىكى

مودا سانائىتى ھەر خىل ئىجتىمائىي ئىشلاردا ئۆزلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن تەشۋىق قىلسىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە ئاساسەن سۈكۈت قىلىشنى تاللىدى.

رۇسىيە ئۇكرائىنانى بېسىۋالغاندا، Balenciaga  ۋە ئۇنىڭ ئانا شىركىتى Kering دەرھال باياناتلار ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارلىقىغا پۇل ئىئانە قىلدى. فىرانسىيەلىك كۆپ مىللەتلىك شىركەت Moet Hennessy Louis Vuitton (LVMH)  5  مىليون ياۋرو ياردەم تەقدىم قىلغان.  Dior، Hermès  ۋە Gucci  قاتارلىق داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى رۇسىيەدىكى دۇكانلىرىنى تاقاپ، خەلقئارالىق جازالارغا ئاۋاز قوشتى.

بىراق مودا سانائىتى پەلەستىن مەسىلىسىگە بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. بەككاۋى بۇنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مودا دۇنياسى تولۇق مەنىدە قوش ئۆلچەملەرگە تولغان. مېنىڭ كەففىيە توپلىمىم تۇنجى قېتىم چىققاندا كۆپلىگەن رەددىيە ۋە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تەنقىدچىلەر سىياسەت ۋە مودىنىڭ ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق 2022-يىلىغا كەلگەندە، چوڭ مودا ئۆيلىرى ۋە ژۇرناللار ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇكرائىنانى قوللىدى.»

سانائەتنىڭ سۈكۈت قىلىشىغا قارىماي، بەككاۋى ئۆز ۋەزىپىسىدە چىڭ تۇرماقتا. ئۇ: «قارشىلىق ۋە ئادالەت تېمىلىرىنى مودا ئارقىلىق داۋاملىق ئالغا سۈرىمەن. مودا بولسا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر قورال — ئاڭ ئويغىتىش ۋە ئاۋازى بوغۇلغانلارنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن — پەلەستىن ئەركىنلىككە ئېرىشكۈچە مەن بۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرىمەن» دەيدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us