ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يىسرائىل كاتز، ئىراننىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشىنىڭ چوقۇم توسىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ «مائارىۋ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كاتز باش ئىشتاب باشلىقى ئېيال زامىر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار بىلەن ئۆتكۈزگەن بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى مۆلچەرلەش يىغىنىدا: «ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قايتا پارتلىشى مۇمكىن» دېگەن.
ئۇ يەنە: «ئىراننىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىغا قايتىشىنىڭ مۇتلەق ئالدىنى ئالىدىغان بىر پىلان تۈزۈپ چىقىش شەرت» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.
كاتز سۆزىدە يەنە رايوندىكى ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا تاجاۋۇزچىلىقلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ: «غەززە ۋە يەمەندىن ئىبارەت ھازىر ئوچۇق تۇرۇۋاتقان ئىككى فىرونتىمىز بار. بۇلارمۇ ئىران، لىۋان ۋە سۈرىيەگە ئوخشاشلا قەتئىي ھۇجۇم سىياسىتى ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىنىشى كېرەك» دېگەن.
بۇ باياناتلار، ئىيۇن ئېيىدا ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قىسقا ئەمما كەسكىن توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
13-ئىيۇن، ئامېرىكانىڭ ھىمايىسىدىكى ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى سەۋەبسىز ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، ئۇرۇش ئۇدا 12 كۈن داۋاملاشقانىدى. بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەردە ھەربىي ئورۇنلار، يادرو بازىلىرى، ئاددىي پۇقرالار، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرلار ۋە ئالىملار ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن زەربە ئوبيېكتى قىلىندى.
بۇنىڭغا قارىتا ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ۋە ئىستىخبارات ئورۇنلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن زەربە بېرىپ جاۋاب قايتۇردى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئامېرىكانىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن 23-ئىيۇن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.